خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام ئۇلۇغ خەۋىرى، فۇتوسى) 30-ئىيۇن، يېزا ئىگىلىك 1-دىۋىزىيە ئارال شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى زىچ ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەزمۇنىدىكى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئونسۇدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكتىكىلەر بىرلىشىپ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەم «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى»نىڭ تۇنجى قېتىملىق ھۆسنىخەت ، رەسىم كۆرگەزمىسى «1-ئىيۇل» ھارپىسىدا ئونسۇدىكى ھەر قايسى يېزا-بازار، مەھەللىلەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى. بۇ كۆرگەزمە ئۇدا ئىككى كۈن ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى.
سۈرەتتە: 30–ئىيۇل ناھىيەلىك ياشلار- ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىدىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى