باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۈركۈم ھۆججەتلىرىنى جاكارلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى توغرىسىدىكى قارار» نى تارقاتتى

2016.07.01 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۈركۈم ھۆججەتلىرىنى جاكارلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار» نى تارقاتتى.

  «قارار» دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بىر تۈركۈم ھۆججەتلىرىنى جاكارلاش ئاساسىدا، گوۋۇيۈەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، گوۋۇيۈەن ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى نامىدا تارقىتىلغان سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەت ۋە ئىسلاھات تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە ھەممە ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشتەك ياخشى مۇھىت يارىتىپ، يېڭى ئىقتىساد ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يېتىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  «قارار» دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن-نىزامغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ياكى قانۇن-نىزام ئاساسى بولمىغان، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى ۋە باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەيدىغان، تەسىس قىلىنغان تەستىق تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن، ياكى ئوخشىمىغان ھۆججەتتە ئوخشاش بىر ئىشقا تەكرار تەلەپ قويۇلغان، بەلگىلىمە بىردەك بولمىغان گوۋۇيۈەننىڭ 506 پارچە ھۆججىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جاكارلاندى. ئومۇمەن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان گوۋۇيۈەننىڭ ھۆججەتلىرى «قارار» تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ بىردەك ئىجرا قىلىنىشتىن توختىتىلىدۇ ھەم مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى قىلىنمايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر