باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەمگەك كاپالىتىدىكى سەككىز تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش قەرەللىك ئېلان قىلىنىدۇ

2016.07.04 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قانۇنغا خىلاپ ھالدا بالا ئىشچى ئىشلىتىش قاتارلىق ئەمگەك كاپالىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ زور سەككىز تۈرلۈك قىلمىش جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىنىشى كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «مۇھىم ئەمگەك كاپالىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش ۋاقىتلىق چارىسى» توغرىسىدا جەمئىيەتتىن پىكىر ئالدى، ئېلان قىلىنىدىغان مەزمۇن: بازار سۇبيېكتىنىڭ ئومۇمىي نامى، تىزىملىتىش، رويخەتكە ئالدۇرۇش نومۇرى ۋە ئادرېسى، قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ياكى مەسئۇل كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، قانۇنغا خىلاپ پاكىت، بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  پىكىر ئېلىش ئارگىنالىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرغان تۆۋەندىكىدەك سەككىز تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ: بىرىنچىدىن، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قالغان ۋە سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈپ، كوللېكتىپ ئەرز قىلىش قاتارلىق ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئېغىر ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ ئەمگەك ھەققىنى بېرىشنى رەت قىلىپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلەر؛ ئىككىنچىدىن، قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشماي ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرماي، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ ئۈچىنچىدىن، بالا ئىشچىلارنى قانۇنغا خىلاپ ئىشلىتىپ ياكى تونۇشتۇرۇپ، بالا ئىشچىلارنىڭ ئېغىر يارىلىنىشى ياكى ئۆلۈشى قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ تۆتىنچىدىن، خىزمەت ۋاقتى ياكى دەم ئېلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن ياكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ بەشىنچىدىن، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە قورامىغا توشمىغان ئىشچىلارنىڭ ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ ئالتىنچىدىن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن ئەمگەك كاپالىتى بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىش قارارى چىقىرىلغان ھەم ئىسپات ئاڭلاش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار؛ يەتتىنچىدىن، ئەمگەك ھەققىنى كېچىكتۈرۈشتىن باشقا ئەمگەك كاپالىتى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى سەۋەبلىك 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ كوللېكتىپ ئەرز قىلىشى قاتارلىق ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەقەلەر ياكى جەمئىيەتتە ئېغىر ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىغان تاسادىپىي ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ سەككىزىنچىدىن، قانۇن، نىزام ۋە قائىدە-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا زور ئەمگەك كاپالىتى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر