باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە رۇسىيە بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ

تەبئىي گاز تۇرۇببا يولى تۈرىنى قايتا باشلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ

2016.07.04 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەيىن شاشىن رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، رۇسىيە ۋە تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئېنېرگىيەنى ئېلىپ ئېيتساق، رۇسىيەنىڭ تەبئىي گاز بايلىقى مول، تۈركىيە ياۋروپا بىلەن ئافرىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك، ئىككى تەرەپ «تۈركىيە ئېقىمى» قاتارلىق تەبئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈرلىرىدىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ، «ئىشىنىمەنكى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، نەپ يەتكۈزۈشچان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدىن ئېرىشىدىغان پايدا ناھايىتى كۆپ بولىدۇ»، دېدى. ئۇ «تۈركىيە ئېقىمى» تەبئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈرىنىڭ بالدۇرراق باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  تۈركىيە بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈركىيە-سۇرىيە چېگرا رايونىدا رۇسىيەنىڭ سۇ-24 بەلگىلىك بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىپ، بىر رۇسىيە ئۇچقۇچىسىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېزلىكتە يامانلاشقان ئىدى. ئالدىنقى ئاينىڭ 27-كۈنى، تۈركىيە زوڭتوڭى ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش ۋەقەسى ئۈچۈن رۇسىيە زوڭتوڭى پۇتىنغا كەچۈرۈم سوراش خېتى يازغان، ئىككىنچى كۈنى، ئىككىسى تېلېفونلاشقان ئىدى. پۇتىن ئارقىدىن ھۆكۈمەتكە تۈركىيەگە بولغان جازا تەدبىرلىرىنى تەدرىجىي بىكار قىلىشنى ئېيتقان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر