باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدا فىرانسىيە ئىسلاندىيەنى يەڭدى

2016.07.04 15:47   مەنبە: خەلق تورى

ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدا فىرانسىيە ئىسلاندىيەنى يەڭدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئىيۇل، فىرانسىيە كوماندىسى ئەزاسى بوگبا (كەينىدىكىسى) بىلەن گرىزمان مۇسابىقىدىن كېيىن پاراڭلاشماقتا. شۇ كۈنى، فىرانسىيەنىڭ پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن 2016-يىللىق ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى تۆت كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدە، فىرانسىيە كوماندىسى ئىككىگە قارشى بەش نەتىجە بىلەن ئىسلاندىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، تۆت كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى.

  فىرانسىيەلىكلەر دۇنيا لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن فىرانسىيە تەنتەربىيە مەيدانىدا «ئىسلاندىيە چۆچىكى» 3-ئىيۇلدىكى يامغۇرلۇق كېچىدە ئاخىرلاشتى. ساھىبخان كوماندا ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئۇلاپ تۆت توپ كىرگۈزۈپ، ئۇدا مۆجىزە يارىتىپ كەلگەن «قارا تۇلپار» ئىسلاندىيەنى 5:2 نەتىجىدە مەغلۇب قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى توپ ئەڭ كۆپ كىرگەن بىر مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.

  بۇندىن ئىلگىرى ئالدىنقى يېرىم مەيداندا توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان فىرانسىيە كوماندىسى «ئىلمانلىق» ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئالدىنقى 45 مىنۇتتا تۆت توپ كىرگۈزدى. بەل قويۇۋەتمىگەن ئىسلاندىيەلىكلەر كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئاجايىپ غەيرىتى ۋە تاكتىكا ساپاسىنى نامايان قىلىپ، ئىككى توپ كىرگۈزدى، بىراق ئارقىدىن فىرانسىيە كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزدى.

  فىرانسىيە كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گېرمانىيە بىلەن تۇتۇشىدۇ. بۇ، بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە دەرىجىسىدىكى كۈچلۈكلەر ئېلىشىشى بولۇپ قالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىز…
    ·2016-يىلى شىنجاڭدا تاق تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭدىن 5121 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلاردىكى مەكتەپلەردىن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا ت…
    ·شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار 28-ئىيۇندىن باشلاپ …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا بولۇش» قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش چارىسى تەتقىق قىلىپ تۈ…
    ·بىر قىسىم ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۆستۈرۈلىدۇ
    ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان 33 نەپەر ئوقۇغۇچى توردا ئېلان قىلىندى
    ·تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھان نەتىجىسى 10-ئىيۇل ئېلان قىلىنىدۇ
    ·قىسمەن ئۆلكىلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى
    ·ئەنقەرە شەھىرىدىكى ئوسمانىيەچە مەنزىرىلەر