باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى ليۇ يۈنشەن تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇپ ئۆتتى

2016.07.04 14:58   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 1 - ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 1 - ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىز 95 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، لېكىن بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ دەسلەپ پارتىيە قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى كۈرەش روھىنى ۋە خەلققە بولغان ساپ قەلبىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك. ھەممە ئىشتا ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىمىز، لېكىن مېڭىپ ئۆتكەن يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك؛ مەيلى قانچىلىك يىراققا كېتەيلى، قانچىلىك پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشەيلى، ئۆتمۈشتە بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىمىزنى، بۇ يولدا نېمە ئۈچۈن ماڭغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. كەلگۈسىگە، خىرىسقا يۈزلىنىشىمىز، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار دەسلەپكى مەقسىتىمىزنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى.

  10 مىڭ كىشىلىك ھەيۋەتلىك ھەم كۆركەم خەلق سارىيىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى. رەئىس مۇنبىرىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلغانىدى. پەردىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا ئورغاق بىلەن بولقىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گېربى ئون دانە قىپقىزىل دۆلەت بايرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چاقناپ تۇراتتى، «1921- 2016» دېگەن رەقەملەر كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. چوڭ زالنىڭ 2 - قەۋىتىگە: باش شۇجى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى! دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلغانىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دا، لى كېچياڭ تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، كۆپچىلىك ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى.

  ليۇ يۈنشەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى، مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىلىرىنى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇپ ئۆتتى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى جيا لىچۈن قاتارلىق 100 پارتىيە ئەزاسىغا، فۇ چىپىڭ قاتارلىق 100 پارتىيە خىزمەتچىسىگە، جۇڭگو قۇرۇلۇش فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزى پارتكومى قاتارلىق 300 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىغا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى»، «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىسى» ۋە «مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.

  شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىسى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋەكىللىرىنى تەقدىرلىدى.

  شى جىنپىڭ قىزغىن چاۋاك سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز بۇ يەرگە يىغىلىپ تەنتەنىلىك ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتىمىز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقىدەك شانلىق تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتمەكتىمىز، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سېلىۋاتىمىز، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى، مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىلىرىنى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەۋاتىمىز، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئىشەنچ بىلەن ئاتلىنىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىۋاتىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگودا كوممۇنىستىك پارتىيە بارلىققا كەلدى، بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىش. بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىش يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە جەريانىدا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىدە، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن 95 يىللىق مۇساپىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، قاتمۇ قات ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ، نۇرغۇن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى 5000 يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتىنى زامانىۋىلىشىشقا ئومۇميۈزلۈك ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى؛ 500 يىللىق تارىخقا ئىگە سوتسىيالىزم تەشەببۇسىنى دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتتە يۈكسەك ئەمەلىيەتچانلىققا ۋە مۇمكىنچىلىككە ئىگە توغرا يولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، 21- ئەسىردە ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى؛ 60 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە يېڭى جۇڭگونى قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك نەتىجىلەرنى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، جۇڭگودىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت قىسقىغىنا 30 نەچچە يىلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىپ، يەرشارى تەۋەلىكىدىن چىقىرىۋېتىلىش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ، ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىيات تارىخىدىكى دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشقا تاللىغانلىقى توغرا، شۇڭا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ مەڭگۈ تەۋرەنمەسلىكىمىز؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئاچقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى توغرا، شۇڭا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ مەڭگۈ تەۋرەنمەسلىكىمىز؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسى توغرا، شۇڭا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەسلىكىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈن بىز تارىخنى مۇۋەپپەقىيەتتىن تەسەللى تېپىش ئۈچۈن ياكى تۆھپە خاتىرىسىگە ئېسىلىۋېلىپ، بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە باھانە تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تارىخنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى جاسارەت ۋە كۈچنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەسلەۋاتىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇزاق مەزگىللىك، مۈشكۈل تارىخىي ۋەزىپە، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ پۈتۈن پارتىيەنى زور خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا، زور خەۋپ- خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، زور قارشىلىق كۈچىنى يېڭىشقا، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇشقا ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدا ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىدا چىڭ تۇرۇشقا ۋە مۇستەھكەملەشكە، پارتىيەمىزنى، دۆلىتىمىزنى، خەلقىمىزنى مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇنغا ئىگە قىلىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، دەسلەپكى مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش توغرىسىدا سەككىز جەھەتتىكى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇشتا ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا، ماركسىزم ئاساسىي پىرىنسىپىنى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىككىنچى، دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتە، پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىلا كوممۇنىزم، سوتسىيالىزم ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئۆزىنىڭ پىروگراممىسى قىلغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق ئورتاق غايىسىنى چىڭىتىپ، ئالىيجاناب غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچىسى، نەزەرىيە ئىشەنچىسى، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە تەۋرەنمەي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۆتىنچى، دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتە، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يۈكسەلدۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بەشىنچى، دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى قىلچە بوشاشماي ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى باتۇرلۇق بىلەن ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچنى ئازاد قىلىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئالتىنچى، دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتە پارتىيەنىڭ يىلتىزى خەلق ئارىسىدا، پارتىيەنىڭ كۈچى خەلقتە دەيدىغان قاراشقا قەتئىي ئىشىنىپ، بارلىقىمىز خەلق ئۈچۈن، بارلىق ئىشلاردا خەلققە تايىنىش كېرەك، دەيدىغان ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يەتتىنچى، دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتە، تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىن- ئاخىر ئېغىشماي مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق ئۇتۇشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى باشتىن- ئاخىر ئۆزگەرتمەي يولغا قويۇپ، ھەر قايسى ئەللەر بىلەن بولغان دوستانە بېرىش- كېلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ئەل خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سەككىزىنچى، دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتە، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى كۈچەپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە چىرىكلىشىش، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى پارتىيەدە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئەت ئاساسى، بەخت مەنبەسى. پارتىيەمىز 88 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسىغا، 4 مىليون 400 مىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا ئىگە، 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپ نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتتە ئۇزاقتىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باغلىنىشچانلىقى چوڭ، ئومۇمىيەتكە چېتىلىدۇ. پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى راۋاجلىنىپ قايسى باسقۇچقا كەلسە، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىمۇ شۇ باسقۇچقىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە جەزمەن ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئاساسىي قانۇنىيەت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىلغارلىق ۋە پاكلىق ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ماھىيەتلىك خاسلىقى، بىز پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئىلغارلىقنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پاكلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق مەسىلىلەر بىلەن كۈرەش قىلىپ، كېسەلنى يوقىتىپ، جاراھەتنى داۋالاپ، يامانغا لەنەت، ياخشىغا مەدەت قىلىشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ئۆز- ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسىي جاسارەت بىلەن پارتىيەنىڭ ئۆزىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆز- ئۆزىنى پاكلىشى، ئۆز- ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆز- ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى، ئۆز ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت چوڭ سىناق»قا بەرداشلىق بېرىپ، «تۆت خىل خەۋپ- خەتەر»نى يېڭىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. قاتتىق بولۇش تەلىپىنى پۈتكۈل جەرياندا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي، قاتتىق باشقۇرۇش، باتۇرلۇق بىلەن قاتتىق باشقۇرۇش، ئۇزاققىچە قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىز پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىۋىلىقى، دەۋرچانلىقى، پىرىنسىپچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مۇھىتنى ئومۇميۈزلۈك پاكلاشتۇرۇشىمىز؛ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېتتىن، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، دائىم تۇتۇش، ئىنچىكە، ئۇزاققىچە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ قەيسەر ئىرادە، پەزىلەت بىلەن، قىلچە سەۋر قىلماسلىق پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دېلو بولىدىكەن، جەزمەن تەكشۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جەزمەن جازالاپ، چىرىك ئۇنسۇرلارغا پارتىيە ئىچىدە ھېچقانداق يوشۇرۇنىدىغان جاي بەرمەسلىكىمىز كېرەك. بىز ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقلىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، ھەر قايسى جايلاردىن بولۇش، ياخشىلىرىنىلا ئىشقا قويۇش، كەسىپنى مۇھىم بىلىش، ئادىل- دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خادىم تاللاش، ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي چەكلەپ ۋە تۈزىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلارنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈپ، ۋاقتىدا بايقاپ، مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياشلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ياشلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ياشلارنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ياشلارنىڭ سىردىشى، ياشلار خىزمىتىنىڭ ھەۋەسكارلىرى، ياشلارغا يول باشلىغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشلار يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىشتەك شەرەپلىك تارىخى ۋە ئۇلۇغ مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قەتئىي ئەگىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەر، يول ئاچقۇچىلار، تۆھپە قوشقۇچىلاردىن بولۇپ، ياشلىق باھارىنى ۋەتەن، خەلق، مىللەتكە بېغىشلاش داۋامىدا تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 1949- يىل 3- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىبەيپودىن بېيجىڭغا قاراپ يول ئالدى، يولداش ماۋ زېدۇڭ: «بۈگۈن بېيجىڭغا بېرىپ ئىمتىھان بېرىدىغان كۈن» دېگەنىدى. 60 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەمىز تارىخىي خاراكتېرلىك بۇ ئىمتىھاندا ئەلا نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ئىمتىھان تېخى ئاخىرلاشمىدى، يەنە داۋاملىشىدۇ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەڭگۈ كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلانماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق ئىستىلىنى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلاپ، دادىل ئۆزگەرتىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، مەڭگۈ قاتماللىق قىلماي، بىر ئىزدا توختاپ قالماي، تارىخىي خاراكتېرلىك بۇ ئىمتىھاندا سىناققا داۋاملىق بەرداشلىق بېرىپ، تىرىشىپ تارىخقا، خەلققە تېخىمۇ يېڭى، ئەلا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىلغار، نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە ۋە ئۆرنەك قىلىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىدا جەزمەن بولۇشقا تېگىشلىك غايە، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قىلچە بوشاشماي مېڭىپ، پارتىيەنىڭ تۈپ لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەگە بولغان سەمىمىي- ساداقەت ۋە پىداكارلىق بىلەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىشى كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، سوتسىيالىستىك، زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېڭى، زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز كېرەك.

  يىغىن ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئامما، ھەر قايسى تارماق ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز زاتلار ۋەكىللىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، تەقدىرلەنگەن مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىلىرى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋەكىللىرى، جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ئامما ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 3000چە كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىز…
    ·2016-يىلى شىنجاڭدا تاق تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭدىن 5121 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلاردىكى مەكتەپلەردىن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا ت…
    ·شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار 28-ئىيۇندىن باشلاپ …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا بولۇش» قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش چارىسى تەتقىق قىلىپ تۈ…
    ·بىر قىسىم ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۆستۈرۈلىدۇ
    ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان 33 نەپەر ئوقۇغۇچى توردا ئېلان قىلىندى
    ·تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھان نەتىجىسى 10-ئىيۇل ئېلان قىلىنىدۇ
    ·قىسمەن ئۆلكىلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى
    ·ئەنقەرە شەھىرىدىكى ئوسمانىيەچە مەنزىرىلەر