باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگۇەنسۈن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى گېرمانىيە خېيدېلبېرگقا ماكانلاشتى

2016.07.05 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگۈەنسۈن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى يېقىندا گېرمانىيە خېيدېلبېرگ شەھىرىدە ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى شېشياڭ شۇ كۈنكى بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خېيدېلبېرگ شەھىرى ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو-گېرمانىيە يۇقىرى پەن-تېخنىكا سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  جۇڭگۇەنسۈن تەرەققىيات گۇرۇھى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگۇەنسۈن- گېرمانىيە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى قۇرۇشتىكى مەقسەت جۇڭگۇەنسۈن باغچا رايونىغا كىرگەن كارخانىلارغا گېرمانىيە ۋە ياۋروپادا كەڭ تاشقى ئالاقە سەھنىسى ھازىرلاپ، گېرمانىيەدە دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىلار ئۈچۈن تەربىيەلەش ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىلغان پەن - تېخنىكا ئېكولوگىيە باغچا رايونى قۇرۇشتىن ئىبارەت.

  بۇ قېتىمقى جۇڭگو - گېرمانىيە ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇپ تەسىس قىلغان جۇڭگو- گېرمانىيە ئىلمىي تەربىيەۋى يېڭىلىق يارىتىش باغچا تۈرى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ تاماملىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۈرنىڭ بىرسى جۇڭگو-گېرمانىيە پەن-تېخنىكا بىناسى، بىنانىڭ يەر ئۈستى قىسمى 18 قەۋەت بولۇپ، ئۈستىدە تۇرۇپ خېيدېلبېرگ شەھىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر