باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

شى جىنپىڭ

2016.07.04 15:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداشلار، دوستلار:

  بىز بۈگۈن بۇ يەرگە تەنتەنىلىك يىغىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىق شانلىق مۇساپىنى ئەسلەپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يېتىشكە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئىلگىرىلەشكە سەپەرۋەر قىلىۋاتىمىز.

  يولداشلار، دوستلار!

  نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە شانلىق مەدەنىيەت يارىتىپ، ئىنسانىيەتكە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇپ، دۇنيادىكى ئۇلۇغ مىللەتكە ئايلاندى. لېكىن يېقىنقى زاماندىن كېيىن، غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، فېئودال ھۆكۈمرانلىقنىڭ چىرىكلىشىشى سەۋەبلىك جۇڭگو تەدرىجىي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلىنىپ، زېمىنى پارچىلىنىپ، خەلق مىسلىسىز ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولدى.

  جۇڭگو خەلقى قىيىنچىلىق ئالدىدا تىز پۈكمەي، قەددىنى رۇسلاپ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلىنىپ، ئېگىلمەس - سۇنماس قەيسەر روھى، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائىتى بىلەن سانسىز قېتىم كۈرەش قىلىپ، تىللاردا داستان بولغىدەك تارىخىي مۆجىزىلەرنى ياراتتى.

  1921 - يىلى «4 - ماي» ھەرىكىتىدىن كېيىن، جۇڭخۇا مىللىتى ئىچكى - تاشقى مالىمانچىلىق كۆرۈلگەن، ئىجتىمائىي كىرىزىس مىسلىسىز ئېغىرلاشقان شارائىتتا، ماركسىزم، لېنىنىزمنى جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  جۇڭگودا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئىش بولدى. بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئىش يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە مۇساپىسىنى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى، شۇنداقلا دۇنيا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ۋە ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى.

  95 يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق تارىخىي مۇساپىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە تايىنىپ، قاتمۇ قات قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، كەينى - كەينىدىن غەلىبىگە ئېرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىگە ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپە قوشتى.

  بۇ ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپە −− پارتىيەمىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ خەلقنى يېتەكلەپ، 28 يىل قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، ياپون جاھانگىرلىكىنى مەغلۇپ قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقىدىن ئىبارەت. بۇ ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىنىڭ ئەھمىيىتى كونا جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق تارىخىغا، شۇنداقلا كونا جۇڭگونىڭ قۇمدەك چېچىلاڭغۇ ۋەزىيىتىگە تەلتۆكۈس خاتىمە بېرىپ، كۈچلۈك دۆلەتلەر جۇڭگوغا مەجبۇرىي تاڭغان تەڭسىز شەرتنامە ۋە جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگودىكى بارلىق ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىنى تەلتۆكۈس بىكار قىلىپ، جۇڭگونى نەچچە مىڭ يىللىق فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمدىكى سىياسىيدىن خەلق دېموكراتىيەسىگە ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.

  بۇ ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپە −− پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، بارلىق ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى يوقىتىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىدە گەۋدىلىنىدۇ. بۇ ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىنىڭ ئەھمىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ۋە چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى تاماملاپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو تەرەققىيات مۇساپىسىگە سىياسىي ئاساس ۋە تۈزۈم ئاساسى تىكلەپ، جۇڭگونىڭ راۋاجلىنىپ قۇدرەت تېپىشىغا، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ باياشات ئۆتۈشىگە پۇختا ئاساس سېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئۈزلۈكسىز گۈللەپ قۇدرەت تېپىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدا گەۋدىلىنىدۇ.

  بۇ ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپە −− پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلابىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىجادچانلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، خەلقئارادىكى ئورنىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگەنلىكىدۇر. بۇ ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىنىڭ ئەھمىيىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جۇڭگونى دەۋرگە يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشىدىن، باي، كۈچلۈك بولۇشىغىچە بولغان ئۇلۇغ تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدا گەۋدىلىنىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ غەلىبىگە ئېرىشىشى 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتىنى زامانىۋىلىشىشقا ئومۇميۈزلۈك قەدەم ئالغۇزۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدىكى يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى؛ 500 يىللىق تارىخقا ئىگە سوتسىيالىزم تەشەببۇسى دۇنيادىكى ئاھالىسى ئەڭ كۆپ دۆلەتتە يۈكسەك ئەمەلىيەتچانلىققا ۋە مۇمكىنچىلىككە ئىگە توغرا يولنى ئېچىپ، ئىلمىي سوتسىيالىزمنى 21 - ئەسىردە يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدۇردى؛ 60 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا دۇنيانىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغايدىغان نەتىجىلەر بارلىققا كېلىپ، جۇڭگودىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت قىسقىغىنە 30 نەچچە يىل ۋاقىتتا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىپ، خەلقئارادىكى ئورنىدىن مەھرۇم قېلىش خېيىم - خەتىرىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىيات تارىخىدىكى يەر - زېمىننى لەرزىگە سالىدىغان تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئىلغار نەزەرىيە يېتەكچىلىكى، ئىلغار نەزەرىيە بىلەن قوراللانغان ئىلغار پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان، ئىلغار پارتىيە تارىخنىڭ ئېقىمىغا ماسلاشمىغان، ئېغىر تارىخىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالمىغان، غايەت زور قۇربانلىق بېرىشكە جۈرئەت قىلمىغان بولسا، جۇڭگو خەلقى ئۆز يەلكىسىنى بېسىپ تۇرغان تۈرلۈك ئەكسىيەتچىلەرنى مەغلۇپ قىلالمىغان، جۇڭخۇا مىللىتى ئېزىلىش، قۇل بولۇش تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىگەن، دۆلىتىمىز بىردەك ئىتتىپاقلىشالمىغان، سوتسىيالىزم يولىدا گۈللەپ قۇدرەت تاپالمىغان بولاتتى.

  تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگو 95 يىلدىن بۇيان بېسىپ ئۆتكەن مۇساپە، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى بېسىپ ئۆتكەن مۇساپە −− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئىسسىق قېنى، قان - تەرى ۋە كۆز يېشى بىلەن بېسىپ ئۆتكەن، جاپا - مۇشەققەت ۋە شانلىق نەتىجە، ئەگرى - توقايلىق ۋە غەلىبە، ئەجىر ۋە ھوسۇلغا تولغان مۇساپە. بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئەستىن چىقارغىلى، ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان سەلتەنەتلىك سەھىپىسى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان رېئال ئاساسى.

  تارىخ بىزگە يەنە شۇنى ئۇقتۇردىكى، تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشىنى تاللىشى توغرا بولغان، ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئاچقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى توغرا بولغان، ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىلغار نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىستراتېگىيەسى توغرا بولغان، ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك.

  يولداشلار، دوستلار!

  95 يىلدىن بۇيان بىز قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلق بىلەن داۋاملىق بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. يولداش ماۋ زېدۇڭ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ، يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ ئۈچ ئەۋلاد رەھبەرلىك كوللېكتىپى، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەنى، پۈتۈن دۆلەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشتۈردى.

  تەنتەنىلىك ۋە شەرەپلىك پەيتتە، جۇڭگو ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتى ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش، مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئېنلەي، ليۇ شاۋچى، جۇ دې، دېڭ شياۋپىڭ، چېن يۈن قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنى چوڭقۇر ئەسلەيمىز، يېڭى جۇڭگونى بەرپا قىلىش، قوغداش، قۇرۇش ئۈچۈن باتۇرلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ئەسلەيمىز، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قەيسىرانە كۈرەش قىلغان يۈكسەك ئىرادىلىك، ھەققانىي كىشىلەرنى چوڭقۇر ئەسلەيمىز. ئۇلارنىڭ ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن ياراتقان ئۇلۇغ تۆھپىسى تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ! ئۇلارنىڭ ئالىيجاناب روھى مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ!

  خەلق تارىخنى ياراتقۇچىلار، ھەقىقىي قەھرىمانلاردۇر. بۇ يەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلارغا، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، ھەر ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ج خ خەلق ساقچىلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، شۇنداقلا مۇھاجىر قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن! جۇڭگو خەلقى بىلەن دوستانە، ئىناق ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن ھەر قايسى ئەل خەلقى ۋە دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

  95 يىلدىن بۇيان نەچچە ئەۋلاد مۇنەۋۋەر جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ خەلققە بولغان ھېسسىياتى، ئالىيجاناب پەزىلىتىنى جانلىق نامايان قىلدى. بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەردۇر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن يولداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!

  يولداشلار، دوستلار!

  «ئەينەك سۈزۈك بولسا ئەكسىمىزنى ئېنىق كۆرەلەيمىز، ئۆتكەن ئىشلاردىن ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى بىلەلەيمىز». ھازىر تارىخنى ئەسلىشىمىز غەلىبىدىن تەسەللىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، تۆھپە دەپتىرىگە يېزىلىش، ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ئۈچۈن باھانە ئىزدەش ئۈچۈنمۇ ئەمەس، بەلكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تارىخنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەت ۋە كۈچنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر.

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدا: <<جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك ۋە جاپالىق تارىخىي ۋەزىپە، تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشكە جەزمەن تەييارلىق كۆرۈش كېرەك>> دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ پۈتۈن پارتىيەگە ھەر ۋاقىت زور خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، زور خەۋپكە قارشى تۇرۇپ، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، چوڭ زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرغاندا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىدا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورنى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇستەھكەملىگەندە، پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، خەلقىمىزنى مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇنغا قويغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.تارىخ ھامان ئالغا باسىدۇ، تارىخ ئەزەلدىن ئىككىلەنگۈچىلەر، قاراپ تۇرغۇچىلار، ھۇرۇنلار، ئاجىزلارنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. تارىخ بىلەن تەڭ قەدەم ئېلىپ، دەۋر بىلەن تەقدىرداش بولغانلارلا پارلاق كەلگۈسىنى كۈتۈۋالالايدۇ.

  پارتىيەمىز 95 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، لېكىن بىز پارتىيە قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈرەش روھىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز، خەلقنىڭ ساپ قەلبىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك. ھەممىدە ئالدىغا قاراپ مېڭىشىمىز، باسقان يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز؛ قانچە يىراققا، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ ماڭساقمۇ، ئۆتكەن كۈنلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىمىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، خىرىسقا دۇچ كەلگەندە پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇپ قالماي، داۋاملىق ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  −− دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، داۋاملىق ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇشتا، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسىنى ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.يېتەكچى ئىدىيە بىر پارتىيەنىڭ مەنىۋى بايرىقى. 95 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەر خىل سىياسىي كۈچلەر ئورۇندىيالمىغان جاپالىق ۋەزىپىنى ئورۇندىيالىشى، دەل ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ ئىلمىي نەزەرىيەنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى قىلغانلىقى ھەم ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىدا. بۇ ئارقىلىق پارتىيەمىز ئىلگىرىكى سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتنى قوغلىشىش چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇپ، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم روھى، شەخسىيەتسىز، قورقماس ۋە كەڭ قورساق بولۇش روھى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ھەقىقەتتە داۋاملىق چىڭ تۇردى ۋە خاتالىقلارنى تۈزەتتى. مەيلى ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز ئەھۋاللار بولسۇن، پارتىيەمىز ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادىدىن قەتئىي تەۋرەنمىدى.

  ماركسىزم ۋە ئۇنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تومۇرداش بولۇش ۋە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇستەھكەم ئىدىيەۋى ئاساسقا ئىگە قىلدى.

  ماركسىزم پارتىيەمىز، دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيەسى. پارتىيەمىز ماركسىزمدىن چەتنىسە ياكى ۋاز كەچسە روھتىن ئايرىلىدۇ، يۆنىلىشتىن ئازىدۇ. ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىدە بىز جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەسلىكىمىز، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا قىلچە ئېغىشماسلىقىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە ئەمەلىي تەلەپ ئالدىدا، ماركسىزم يەنىمۇ جۇڭگولىشىش، دەۋرلىشىش، ئاممىۋىلىشىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. ماركسىزم ھەقىقەتنى ئاخىرلاشتۇرمىدى، بەلكى ھەقىقەتكە تۇتىشىدىغان يول ئاچتى. ئېنگىلىس: «ماركسنىڭ پۈتۈن دۇنيا قارىشى دىنىي ئەقىدە ئەمەس، بەلكى ئۇسۇل. ئۇنىڭ تەمىنلىگىنى تەييار دوگماتىزم بولماستىن، بەلكى يەنىمۇ تەتقىق قىلىشنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مۇشۇ تەتقىقاتقا ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل» دېگەنىدى.

  دەۋر ئىدىيەنىڭ ئانىسى، ئەمەلىيەت نەزەرىيەنىڭ مەنبەسى. تەرەققىياتنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ، بىزنىڭ ھەقىقەتنى تونۇش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىمىزنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ. ھازىر دەۋر ئۆزگىرىشى بىلەن ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى ماركسىزم كىلاسسىك يازغۇچىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىز سوتسىيالىزمى نەچچە ئون يىللىق ئەمەلىيەتنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقاچقا، ئىشلار قانچە تەرەققىي قىلغانسېرى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر شۇنچە كۆپ كۆرۈلۈپ، بىزدىن ئەمەلىيەتتە ۋە نەزەرىيەدە دادىل ئىزدىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى شۇنچە تەلەپ قىلىدۇ.

  نەزەرىيە مۇكەممەل بولمىغاندا، كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. بىز جەزمەن تېخىمۇ كەڭ نەزەر - دائىرە بىلەن ماركسىزمنىڭ زامانىمىزدىكى تەرەققىياتىنىڭ رېئال ئاساسى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا تەپسىلىي قاراپ چىقىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يېتەكچىلىكىدە،قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ماركسىزمنى ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى بىلەن كونكرېت، ئەمەلىي بىرلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، 21 - ئەسىردىكى ماركسىزم تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مەنزىل ئېچىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمىدا تېخىمۇ پارلاق ھەقىقەت نۇرى چاقنىتىشىمىز كېرەك.

  −− دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەشتە پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن باشلاپلا كوممۇنىزم، سوتسىيالىزم ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئۆزىنىڭ پىروگراممىسى قىلغانلىقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز، كوممۇنىزم ئۇلۇغ غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئالىيجاناب غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.ئىنقىلاب غايىسى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كومپارتىيە دەپ ئاتىلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى، پارتىيەمىزنىڭ قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا كوممۇنىزمنى ئۇلۇغۋار غايە قىلىپ تىكلىگەنلىكىدە. پارتىيەمىزنىڭ ھەر قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ، قايتا - قايتا قەد كۆتۈرۈشىنىڭ سەۋەبىمۇ تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغۋار غايىگە ۋە يۈكسەك ئىستەككە ئىگە بولغانلىقىدا.

  «ئىرادە بولمىسا، ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ». غايە - ئېتىقادتىكى تەۋرىنىش ئەڭ خەتەرلىك تەۋرىنىشتۇر، غايە - ئېتىقادتىكى چېكىنىش ئەڭ خەتەرلىك چېكىنىشتۇر. بىر پارتىيەنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى غايە - ئېتىقادتىن مەھرۇم قېلىش ۋە غايە - ئېتىقادنى يوقىتىشتىن باشلىنىدۇ. پارتىيەمىزنىڭ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك بولۇش - بولماسلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، ھەم پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ غايە - ئېتىقادىنىڭ قەتئىي ياكى قەتئىي ئەمەسلىكىگە، ھەم ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ غايە - ئېتىقادىنىڭ قەتئىي ياكى قەتئىي ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. 95 يىلدىن بۇيان كوممۇنىزم ئالىي غايىسى نەچچە ئەۋلاد كومپارتىيە ئەزالىرىنى قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىشقا ئۈندىدى، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئىنقىلابىي قۇربانلار مۇشۇ غايە ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. «يول توغرا بولسا، كاللا كەتسىمۇ مەيلى»، «دۈشمەنلەر كاللىمىزنى ئالسىمۇ، ئېتىقادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ»، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان، مەردلەرچە بېرىلگەن ۋەدىلەر كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ يۈكسەك غايىگە تۇتقان قايتماس ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. غايە نۇرى ئۆچمەيدۇ، ئېتىقاد نۇرى ئۆچمەيدۇ. بىز جەزمەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۈمىدىنى، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغۋار غايە ئۈچۈن ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزغانلىقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك.

  غايە ئۇلۇغۋارلىقى بىلەن غايە، ئېتىقاد قەتئىي داۋاملاشتۇرىلىدىغانلىقى بىلەن ئېتىقاد. بىز غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەدىكىلەرنىڭ غايىگە ئىنتىلىش جەھەتتىكى سىياسىي قەتئىيلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  نەزەرىيە جەھەتتە سەگەك بولغاندا، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولغىلى بولىدۇ. مۇستەھكەم غايە - ئېتىقاد جەزمەن ماركسىزمنى چوڭقۇر چۈشىنىش، تارىخىي قانۇنىيەتنى چوڭقۇر ئىگىلەش ئاساسىدا تۇرغۇزۇلۇشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ماركسىزملىق ئىدىيەۋى ئاڭ ۋە نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇلۇغۋار غايە ۋە كۈرەش نىشانىغا بولغان سەگەك تونۇشى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى ساقلىشى كېرەك. بىز پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش، ئىدىيەۋى ساھە، ئەخلاق سەۋىيەسىنىڭ مەنىۋى ئوزۇقىغا ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي بىلىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي ئىشلىتىپ، غەلىبە قازانغاندا ۋە ئوڭۇشلۇق ئەھۋالدا مەغرۇرلانماي ھەم ئالدىراقسانلىق قىلماي، قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كەلگەندە چۈشكۈنلەشمەي ۋە تەۋرەنمەي، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىنسانلارنىڭ گۈزەل غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مەنىۋى يۈكسەكلىكىنى ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  −− دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەشتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان ئىشەنچ، نەزەرىيە جەھەتتىكى ئىشەنچ ۋە تۈزۈم جەھەتتىكى ئىشەنچ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىشەنچتە، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.يۆنىلىش يولنى، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، بەلكى پارتىيە ۋە خەلق مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور بەدەل تۆلەپ قولغا كەلتۈرگەن تۈپ مۇۋەپپەقىيەت. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ھەم جەزمەن ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇلۇغ ئىشىمىز، ھەم كەلگۈسىنى ئېچىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى.پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر يولغا بولغان ئىشەنچ، نەزەرىيە جەھەتتىكى ئىشەنچ، تۈزۈم جەھەتتىكى ئىشەنچ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىشەنچنى چىڭىتىشى كېرەك. ھازىرقى دۇنيادا قايسى پارتىيە، قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت ئۆزىگە ئىشىنەلەيدۇ دېيىلسە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزىگە ئىشىنىشكە ئەڭ ھەقلىق. «ھايات مۇساپىمىزدە 200 يىل ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، دولقۇن يېرىپ ئۈچ مىڭ چاقىرىم ئىلگىرىلەش»تەك جاسارىتىمىز بولغاندىلا، قىلچە قورقماي بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا يۈزلىنەلەيمىز ۋە قىلچە تەۋرەنمەي يېڭى زېمىن ئېچىپ، يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز.

  شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ، شۇنداقلا خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىشنىڭ مۇقەررەر يولى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى پارتىيە ۋە خەلقنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ تۈپ تۈزۈم كاپالىتى، شۇنداقلا روشەن جۇڭگوچە خاسلىققا، روشەن تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە، كۈچلۈك ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىلغار تۈزۈم.

  مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىشەنچ تېخىمۇ ئاساسلىق، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشەنچ. 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تەرەققىياتى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈرىشى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتكە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق مەنىۋى ئىنتىلىشى سىڭگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ خاس مەنىۋى بەلگىسى. بىز سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھى ۋە ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار شۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى كېرەككى، بىز باشقا ئىزم ئەمەس، بەلكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇۋاتىمىز. تارىخ ئاخىرلاشقىنى يوق، ھەم ئاخىرلىشىشى مۇمكىن ئەمەس. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ياخشى - ياخشى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا رەڭلىك كۆزەينەك تاقىۋالغان كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ ھۆكۈمىگە ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتكە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھۆكۈمىگە قاراش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.يولداش دېڭ شياۋپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېگەن: «ئاساسىي لۇشيەن 100 يىل كارغا كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. بۇ لۇشيەندە چىڭ تۇرغاندىلا، خەلق ئاندىن بىزگە ئىشىنىدۇ ۋە بىزنى ھىمايە قىلىدۇ. كىمكى 3 - ئومۇمىي يىغىندىن بۇيانقى لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدىكەن، پۇقرالار قوشۇلمايدۇ، ئۇ غۇلاپ چۈشىدۇ». پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى دۆلەتنىڭ جان تومۇرى، خەلقنىڭ بەخت مەنبەسى، بىز ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشنى دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئىش، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپنى دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش يولى قىلىشتا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  −− دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەشتە «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ماس تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  ھازىرقى باسقۇچتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى: 2020 - يىلىغا بارغاندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدا «بىرىنچى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى بولغاندا «ئىككىنچى 100 يىل»لىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باي، قۇدرەتلىك، دېمۇكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە، تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئۈمىدى. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن پارتىيەمىز پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈردى ۋە پائال ئىلگىرى سۈردى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈردى ۋە پائال ئىلگىرى سۈردى. «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» بىلەن «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەسى بىر - بىرنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، ھەمتۈرتكە بولىدىغان بولۇپ، ياخشى ماسلاشتۇرۇش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى، دېموكراتىك سىياسىي، ئىلغار مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ باياشات، دۆلەتنىڭ كۈچلۈك، جۇڭگونىڭ گۈزەل بولۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  تەرەققىيات پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. دۆلىتىمىزنىڭ يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇش ھەم ئۇزاق مۇددەت تۇرۇشىدەك تۈپ دۆلەت ئەھۋالى، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئارىسىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇشتەك خەلقئارا ئورنى ئۆزگەرگىنى يوق. بۇ تەرەققىياتنى پىلانلىشىمىزدىكى تۈپ ئاساس.

  جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە ئۆتكەنلىكى، دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقى، دۇنيا پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش بولغانلىقىدەك تەرەققىيات ئەندىزىسىگە قارىتا بىز ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى قەدىرلەيدىغان، ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، يېشىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، چوڭقۇر ئېچىۋېتىلگەن، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مېخانىزم ۋە مۇھىتنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  −− دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەشتە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك، دادىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچنى ئازاد قىلىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى تارىخىي دەۋردىكى ئەڭ روشەن بايرىقى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق تاللاش، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر.

  ئىسلاھاتتا توغرا يۆنىلىشتە چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، بېكىنمە، قاتمال يولدا ماڭماسلىقىمىز، شۇنداقلا بايراق ئالماشتۇرۇلىدىغان خاتا يولدا ماڭماسلىقىمىز كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ياخشىلاپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي نىشانى قىلىپ، نەزەرىيەدە، ئەمەلىيەتتە، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش شۇنداقلا باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىسلاھات ئوڭايلىقتىن پەيدىنپەي تەسلىشىدۇ. شۇڭا ئىسلاھاتتا سىستېمىلىققا، پۈتۈنلۈككە، ماسلىشىشچانلىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، توختىماي ئىلگىرىلەشكە جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلىشتەك جاسارەت، قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغىلىپ قالغان «كونا كېسەل»نى «ئوپېراتسىيە قىلىش»قا، چوڭقۇر قاتلاملىق مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ۋە زىددىيەتلەرگە تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئىدىيەۋى قاراش ئاسارىتىدىن قەتئىي بۆسۈپ چىقىپ، نامۇۋاپىق مەنپەئەت قۇرۇلمىسىنى قەتئىي تۈزەپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتىكى توسالغۇلارنى قەتئىي چىقىرىپ تاشلىشىمىز كېرەك.

  ئىسلاھات بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىش قۇشنىڭ ئىككى قانىتى، ئاپتوموبىلنىڭ ئىككى چاقى. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشىمىز كېرەك. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنىڭ يادروسى −− پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى −− پارتىيە قانۇن تۇرغۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، قانۇن ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئەدلىيە ئىشلىرىنى قوللاش، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىش. جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇننىڭ نوپۇزىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى تەشەببۇس قىلىش، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس چوقۇم ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، ھېچكىممۇ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندىن ھالقىغان ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولماسلىقى كېرەك.

  −− دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەشتە پارتىيەنىڭ ئۇلى خەلق ئارىسىدا، پارتىيەنىڭ كۈچى خەلقتە ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىپ، ھەممىدە خەلقنى ئويلاش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  خەلقنىڭ مەيدانى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى، ماركىسىزملىق پارتىيەنىڭ باشقا پارتىيەدىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. پارتىيەمىزنىڭ خەلق بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، تەقدىرداش بولۇپ، قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلىشى پارتىيەمىزنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەرنى يېڭىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، بۇ «خەلقنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلغاندا دۆلەت روناق تاپىدۇ، خەلقتىن ئايرىلىپ قالغاندا دۆلەت زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ» دېگەنلىك.

  پۈتكۈل پارتىيەلىك يولداشلار خەلقنى قەلبىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ھىمايە قىلىش - قىلماسلىقى، قوشۇلۇش - قوشۇلماسلىقى، خۇشال بولۇش - بولماسلىقى، رازى بولۇش - بولماسلىقىنى بارلىق خىزمەتلەردىكى پايدا - زىياننى ئۆلچەشنىڭ تۈپ ئۆلچىمى قىلىپ، پارتىيەمىزنى خورىماس كۈچ مەنبەسىگە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.

  خەلقنى يېتەكلەپ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش −− پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر ئېغىشمايدىغان كۈرەش نىشانى. بىز ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا تەلپۈنۈشىگە ماسلىشىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتكۈل خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ باراۋەر بەھرىمەن قىلىپ، پۈتكۈل خەلقنى ئورتاق بېيىش نىشانىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش −− پارتىيەمىزنىڭ ئۆزگەرمەس تەشەببۇسى. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭەش تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك كېڭىشىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جانلىق، مۇقىم، ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  «نەتىجىنى ئىختىساسلىقلار يارىتىدۇ، ئىشنى ئىختىساسلىقلار راۋاجلاندۇرىدۇ». پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى ئىختىساسلىقلاردىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلىپ ئىشلىتىش كېرەك. بىز ئىختىساسلىقلارنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۆتكۈر كۆزىمىز، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان سەمىمىيىتىمىز، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىدىغان جاسارىتىمىز، ئىختىساسلىقلارنى سىغدۇرىدىغان كەڭ قورساقلىقىمىز، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىدىغان ئاقىلانە چارە - تەدبىرلىرىمىز بىلەن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش يوللىرىنى كەڭ ئېچىپ، پارتىيە ئىچى - سىرتى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، ھەممە كىشى ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ئىختىساسلىق بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغان، ئىختىساسلىق بولالايدىغان، ئىقتىدارىنى نامايان قىلالايدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  −− دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەشتە تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە بېرىش - كېلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىللە ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش −− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ بالدۇرلا ئوتتۇرىغا قويغان تەنتەنىلىك ۋەدىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەچكە تىنچلىقنىڭ قەدرىنى، تەرەققىياتنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى، دەپ بىلىدۇ.ھازىرقى ئىنسانلار تىنچلىق ۋە تەرەققىيات نىشانىغا قاراپ تەڭ قەدەم ئېلىشتا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە، كىرىزىسنى ھاياتىي كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ھەمكارلىشىشنى قارشىلىشىشنىڭ ئورنىغا، تەڭ پايدا ئېلىشنى يالغۇز ئىگىلىۋېلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. قانداق خەلقئارا تەرتىپ ۋە دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى كېڭىشىدۇ، بىر تەرەپ، ئاز بىر قىسىم كىشىنىڭ دېگىنىنى ھېساب قىلىشقا بولمايدۇ. جۇڭگو دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى تىرىشىپ تەقدىم قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىللە خەلقئارا تەرتىپ ۋە دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ باش مەقسىتى −− دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپاچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەنپەئەت كېسىشىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلار تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ۋە مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان تىنچ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا بارلىق دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. جۇڭگو ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قاتارلىق زور خەلقئارا ھەمكارلىق تۈرلىرىدە تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىدۇ.

  جۇڭگو خەلقى شۇنى چوڭقۇر بىلىدۇكى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پايدىسى تەگكەن، جۇڭگو ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشى بىر كىشىلىك ئويۇن ئويناش بولماي، بەلكى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق قاتنىشىشىنى قارشى ئېلىش؛ كۈچ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى كۆزلەش بولماي، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش؛ ئۆزىنىڭ ئارقا بېغىنى بەرپا قىلىش بولماي، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان گۈلباغ بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

  جۇڭگو ئىنسانلار تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تەشەببۇس قىلىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە تىركىشىشكە قارشى تۇردى. جۇڭگو دۆلەتلەرنى چوڭ - كىچىك، كۈچلۈك - ئاجىز، باي - نامرات دەپ ئايرىماي، بىردەك باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغداپ، ئۆز ئىرادىسىنى باشقىلارغا تېڭىشقا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا، كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشىغا قارشى تۇردى. جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كۆز قىزارتمىدى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسەت قىلمىدى، لېكىن يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن قەتئىي ۋاز كەچمىدى. جۇڭگو خەلقى رەزىللىككە ئىشەنمەيدۇ ۋە رەزىللىكتىن قورقمايدۇ، ئىش تېرىمايدۇ ۋە ئاۋارىچىلىكتىن قورقمايدۇ، ھەرقانداق دۆلەت يادرولۇق مەنپەئىتىمىز بىلەن سودىلىشىشىمىزدىن، ئېلىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ئاچچىق ئاقىۋەتنى قوبۇل قىلىشىمىزدىن ئۈمىد كۈتمىسۇن.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇستەقىل، ئۆزىگە - ئۆزى خوجا بولۇش، تامامەن باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر - بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايونلاردىكى پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  −− دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەشتە چوقۇم پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەۋپ - خەتەردىن ساقلىنىش ۋە چىرىكلىشىش، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.پارتىيە جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىشنىڭ ئاچقۇچى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى −− جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى ۋە جان تومۇرىغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە بەختىگە مۇناسىۋەتلىك.پارتىيەمىز 88 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە تەشكىلاتىغا ئىگە، پارتىيەمىز 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتتە ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بولغاچقا، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى قايسى باسقۇچقىچە تەرەققىي قىلغان بولسا، پارتىيە قۇرۇلۇشى شۇ باسقۇچقىچە ئىلگىرى سۈرۈلۈشى كېرەك. بۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چوقۇم ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئاساسىي قانۇنىيەت.

  ئىلغارلىق ۋە پاكلىق ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىلغارلىقنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پاكلىققا زىيان سالىدىغان بارلىق مەسىلىلەر بىلەن كۈرەش قىلىپ، كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىشىمىز، يامانغا زەربە، ياخشىغا مەدەت بېرىشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيە ئىنقىلاب قىلالايدىغان سىياسىي جاسارەت بىلەن پارتىيەدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىسلاھ قىلىش، يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت چوڭ سىناق»قا بەرداشلىق بېرىپ، «تۆت چوڭ خەۋپ - خەتەر»نى يېڭىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا قاتتىق بولۇش شەرت. پارتىيە قاتتىق باشقۇرۇلمىسا، قاتتىق ئىدارە قىلىنمىسا، پارتىيە ئىچىدىكى خەلقنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىسا، پارتىيەمىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سالاھىيىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ، تارىخنىڭ شاللىۋېتىشىدىن ساقلىنالمايدۇ. پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتا چوقۇم قاتتىق بولۇپ، قاتتىق تەلەپنى پۈتكۈل جەرياندا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي باشقۇرۇش ۋە چىڭىتىش، باشقۇرۇش ۋە چىڭىتىشتا دادىل بولۇش، ئۇزاق مەزگىل باشقۇرۇش ۋە چىڭىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش −− پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك، قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى. پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇشتا ئىشنى ئالدى بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى باشقۇرۇشتىن باشلاش؛ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، ئىشنى ئالدى بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشتىن باشلاش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيلىقى، دەۋرىيلىكى، پىرىنسىپاللىقى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئومۇميۈزلۈك ساپلاشتۇرۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى تەڭ يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازى، ئۇ پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئامما ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى، خەلق رايىنىڭ مايىل ياكى مايىل ئەمەسلىكىنى كۆزىتىدىغان ئۆلچەم. پارتىيەنىڭ ئىستىلى دۇرۇس، خەلق خاتىرجەم بولسا پارتىيە بىلەن خەلق ھالاۋەتتىمۇ، جاپادىمۇ بىللە بولالايدۇ. ئەمەلىيەت ھەقىقىي، قاتتىق باشقۇرغاندا، باشقۇرۇشتا دادىل بولغاندا، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ توختىمايدۇ. «ئۆزى دۇرۇس بولمىسا، باشقىلارغا قانداقمۇ يول باشلىغىلى بولسۇن». مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېتتىن، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، داۋاملىق، ئەستايىدىل، ئۇزاق مەزگىل تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىستىلىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن باشتىن - ئاخىر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەمىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىت چىرىكلىشىش بولدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەمىز «يولۋاس»قىمۇ، «چىۋىن»گىمۇ تەڭ زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلدۇرماسلىقتەك چۆچۈتۈش رولىنى جارى قىلدۇردى، بۇنىڭ بىلەن چىرىكلەشمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش، چىرىكلىك ۋە ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىگنالى چوقۇم داۋاملىق جاراڭلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار توغرا ھوقۇق قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۈكسەك مەنىۋى ئىنتىلىشنى ساقلاپ، خەلق، تەشكىل، قانۇن - ئىنتىزامنى ھۆرمەت قىلىپ، ھوقۇقنى ئادىل، قانۇن بويىچە، خەلق ئۈچۈن پاك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ چىرىكلىكنى رەت قىلىش، ئۇنىڭغا مەڭگۈ يېقىنلاشماسلىقتىن ئىبارەت سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. قەيسەر ئىرادىمىز ۋە پەزىلىتىمىز بىلەن قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەمىزنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈش، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، چىرىكلەشكەنلەرگە پارتىيە ئىچىدە يوشۇرۇنغىدەك ئورۇن قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك!

  ئۇلۇغۋار كۈرەش، ئۇلۇغۋار ئىشلار يۇقىرى ساپالىق كادىرلارغا موھتاج. بىز ئەخلاقىي ۋە ئەقلىي جەھەتتە تەڭ يېتىلگەن بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ھەم ياخشىلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇشتا كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئادىل ھەم دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، ئادەم تاللاپ ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىللاردىن قەتئىي ساقلىنىپ ۋە تۈزىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلارنى تاللاپ تەربىيەلىشىمىز، ئۇلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، مۇۋاپىق ئىشلىتىشىمىز كېرەك.

  ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، نوپۇزىنى تىكلەش ۋە ئاممىنى قايىل قىلىش كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل. ھەر بىر پارتىيەلىك كادىر «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت مۇھىم ئۆتكەلنى چىڭ ساقلاپ، پارتىيە، خەلقنى ئېسىدە تۇتۇپ، مەسئۇليەتچان، ئېھتىياتچان بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇشنى ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى غايىسى قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىلىمىنى تېزدىن يېڭىلاپ، ئەمەلىي چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ساپاسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى دەۋر رىتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ، بىلىم دائىرىسى تار بولۇش سەۋەبىدىن ئېزىقىپ قېلىش، بىلىمسىزلىك سەۋەبىدىن تەمتىرەپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدىغان كەسىپ ئەھلى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

  يولداشلار، دوستلار!

  دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ھەم خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىگە ماس كېلىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەيدىغان ۋە كۈچەيتىدىغان ئارمىيە قۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى. شۇڭا بىز ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئارمىيەنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەپ، سىياسىي ئارقىلىق ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جانلىق، ئىقتىدارلىق، ۋىجدانلىق، ئەخلاقلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى كۈچەپ تەربىيەلەپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان، ئىستىلى دۇرۇس خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. جۇڭگو ئاكتىپ مۇداپىئەلىنىدىغان ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنغا ئەمەل قىلىدىغان بولۇپ، ھە دېسىلا قورال كۈچى بىلەن تەھدىت سالمايدۇ، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ دەرۋازىسىدا قورال كۈچىنى كۆز - كۆز قىلمايدۇ. ھەممىلا يەردە قورال كۈچىنى كۆز - كۆز قىلىش كۈچلۈكلۈكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بۇ ھېچكىمنى قورقۇتالمايدۇ. ئارمىيە بىلەن خەلق بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان قوراللىق ساقچى كۈچى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى پۇختىلىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى تاماملاش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيەتتە پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. بىز ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»قا بولغان ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزدىن قەتئىي تەۋرەنمەيمىز. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشىمىز، باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنى قوللىشىمىز، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، دېموكراتىيە ۋە ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللىشىمىز كېرەك.

  ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ راۋاجلاندۇرۇش ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىدىغان توغرا يول، شۇنداقلا تىنچ بىرلىككە كېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پارلاق يول. «1992 - يىلىدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇش ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ سىياسىي ئاساسى. بىز «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى تەرغىب قىلىدىغان بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقى، شۇنداقلا پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللىتى ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەرقانداق چاغدا ھەرقانداق شەكىلدە دۆلەتنى پارچىلايدىغان ھەرىكەتتە بولۇشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ! ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان بىر ئائىلە كىشىلىرى. مىللەتنىڭ گۈللىنىشى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق بەختى؛ مىللەتنىڭ ئاجىزلىشىشى قېرىنداشلار ئۈچۈن ئورتاق ئاپەت. ئىككى قىرغاقتىكى ئىككى تەرەپ مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  يولداشلار، دوستلار!

  ياشلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان يولداش لى داجاۋ: ياشلار «دۇنيا مەدەنىيىتى، ئائىلە، دۆلەت، مىللەت، ئىنسانىيەت، يەر شارى، ھەتتا ئالەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك» دېگەنىدى. پارتىيەمىز 95 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ياشلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە تۆھپىسى مۇجەسسەملەنگەن. پۈتۈن پارتىيە ياشلارغا ئەھمىيەت بېرىشى، كۆڭۈل بۆلۈشى، ياشلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈشى، ياشلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ياش دوستلارنىڭ يېقىن دوستى، ياشلار خىزمىتىنىڭ قوللىغۇچىسى، ياشلارنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇشى كېرەك.

  ئېلىمىز ياشلىرى يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ھارماي - تالماي كۈرەش قىلغان شانلىق تارىخ ۋە ئۇلۇغۋار مۇساپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قەتئىي ئەگىشىپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭغۇچى، يول ئاچقۇچى ۋە تۆھپىكارلاردىن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ئارقىلىق ۋەتەن، خەلق ۋە مىللەتكە تۆھپە قوشۇپ، شانلىق سەھىپىلەرنى قالدۇرۇشى كېرەك!

  يولداشلار، دوستلار!

  95 يىل ئىلگىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنى ئازاد قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارزۇسى شۇنچە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئىستىقبالى يەنىلا تۇتۇق ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلىشىپ، ئىشەنچىمىز تارىختىكى ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك كۈچەيدى، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قۇربىمىز يېتىدۇ. شۇنداق دېيەلەيمىزكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، شۇنداقلا چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

  1949 - يىل 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىبەيپودىن بېيجىڭغا يولغا چىققاندا، يولداش ماۋ زېدۇڭ: «بۈگۈن بېيجىڭغا بېرىپ ئىمتىھان بېرىدىغان كۈن» دېگەنىدى. 60 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئىمتىھاندا ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. لېكىن بۇ ئىمتىھان تېخى ئاخىرلاشمىدى، ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە پارتىيەمىز ئىتتىپاقلىشىپ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىشلەۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ئىمتىھاننىڭ داۋامى. « يوللار ئەگرى - توقاي، مۇساپە ئۇزۇن بولغاچقا، ھەممىمىز داۋاملىق ئىزدەنمىسەك بولمايدۇ». پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار دەسلەپكى مەقسەتنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، مەڭگۈ كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىق قىلماي، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلاپ، دادىل ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، مەڭگۈ قاتمال ئىش قىلماي، بىر ئىزدا توختاپ قالماي، بۇ تارىخىي ئىمتىھاننىڭ سىناقلىرىدىن داۋاملىق ئۆتۈپ، تارىخ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر