خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ھەسەنجان مەمتىلى خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەسىدەيېقىنقى يىللاردىن بېرى مائارىپنى قوللاش ئەۋج ئېلىپ ئىدارە-ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شەخسلەر مائارىپنىڭ يۈكسىلىشىگە تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلدى. ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە ئاۋات ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، مائارىپتا زور يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلدى.
سۈرەتتە: ئاۋات ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پەن-تېخنىكا ئوقۇتۇشىنى قوللاش ئۈچۈن كىتاب ئىئانە قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى