سۇرىيە زۇڭتۇڭى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كابېنت ئىسىملىكىنى تەستىقلىدى
2016.07.05 14:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەت 3-ئىيۇل بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كابېنت ئىسىملىكىنى تەستىقلىدى.
22-ئىيون، باشار ئەسەت ئېلېكتىر كۈچى مىنىستىرى ئىماد.خامىسنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلىدى، ھەمدە ئۇنىڭغا يېڭى كابېنت تەشكىللەش ھوقۇقى بەردى.
سۇرىيە بۇ يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى خەلق پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى، يېڭى پارلامېنت 6-ئىيۇل قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. سۇرىيە قانۇنىغا ئاساسەن، يېڭى كابىنېت پارلامېنتتا قەسەم بەرگەندىن كىيىنكى 40 كۈن ئىچىدە بارلىققا كېلىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر