- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىتالىيە زۇڭلىسى: قىلچىمۇ رەھىم قىلماستىن تېررورلۇقنى بەربات قىلىش كېرەك
2016.07.05 14:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىتالىيە زۇڭلىسى لىنزى 3-ئىيۇل ئىتالىيەلىك 9 پۇقرانىڭ بېنگالدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقى توغرىسىدا تاراتقۇلارغا، تېررورلۇقنى قىلچىمۇ رەھىم قىلماستىن بەربات قىلىش كېرەك دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئىتالىيەنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەت قارشىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار، تېررورلۇققا تېخىمۇ قەتئىي ۋە كەسكىن ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دېدى: سۇرىيە بىلەن ئىراقتا، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتى تەدرىجىي ئۆزىنىڭ كونترول قىلىپ تۇرغان رايونلىرىدىن ئايرىلدى، تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە قىلچىمۇ يۇمشاق قول بولماسلىق كېرەك.
بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى 1-ئىيۇل يۇز بەرگەندىن كىيىن، ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارىرا شۇ كۈنى مېكسىكىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىگە قايتىپ كەلدى، ھەمدە ئىتالىيە بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈشنى بىلدۈردى ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلىرىنىڭ بېنگال ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىقىنى ماختىدى.
ئىتالىيەدە چىقىدىغان كەچلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي ئايروپىلاننى بېنگالغا ئەۋەتىپ، قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ياردەملىشىشنى تەستىقلىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر