باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددەدىكى باش كونسۇلخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغىلى تاس قالدى

2016.07.05 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رىياد خەۋىرى. ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى 4-ئىيۇل سەھەردە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغىلى تاس قالدى، بىر ھۇجۇم قىلغۇچى باش كونسۇلخانىغا بۆسۈپ كىرىشكە ئۇرۇنغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىندى، ھۇجۇم قىلغۇچى ئارقىدىن بەدىنىدىكى بومبىنى پارتىلاتتى ھەم شۇ جايدىلا ئۆلدى، ئىككى بىخەتەرلىك خادىمى يارىلاندى.نەق مەيداندىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچى ماشىنىسىنى ئامېرىكا باش كونسۇلخانىسىنىڭ يېنىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا ھەيدەپ كىرگەن، ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ باش كونسۇلخانىسىغا بۆسۈپ كىرىشكە ئۇرۇنغان. بىخەتەرلىك خادىمى ۋاقتىدا بايقىغان ھەمدە ئوق ئېتىپ ھۇجۇمنى توسۇپ قالغان.

  نۆۋەتتە، پارتلاش نەق مەيدانى قامال قىلىنىپ، ئامېرىكا باش كونسۇلخانىسى ئەتراپىدىكى رايونلاردا قوغدىنىش كۈچەيتىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ساقچى تەرەپ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى. ھازىرچە ھېچقايسى تەشكىلات بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر