باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى سىجىل يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشتى

2016.07.05 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 6 مىليارد 134 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.8 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنا- ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم-كېچەك توقۇلما بۇيۇم ئېكسپورت سوممىسى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورتىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى.

  ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 5 مىليارد 315 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.2 ئاشقان؛ ئىمپورت ئومۇمىي قىممىتى 819 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 تۆۋەنلىگەن. قازاقىستان شىنجاڭنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىلىق ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 984 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %37.3 نى ئىگىلىگەن.

  شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا ئۇششاق تاۋارلار چېگرا سودىسى يەنىلا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ، سودا سوممىسى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ % 58.7 نى ئىگىلەيدۇ. ئادەتتىكى سودىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئاساسلىق سودا ھەمراھى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسىدا ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن، بولۇپمۇ ئامېرىكا، رۇسىيە، كانادا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا قىممىتى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن تېز ئاشقان بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى بىر ھەسسىگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر