باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەر شارى بويىچە 74 مۇخبىر خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى

2016.07.05 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاراتقۇ كۆزىتىش ئاپپاراتى «ئاخبارات بەلگىسى ھەرىكىتى» 4-ئىيۇل دوكلات ئېلان قىلىپ، 2016 ـ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاز دېگەندىمۇ 74 مۇخبىرنىڭ دۇنيادىكى 22 دۆلەتتە قەستكە ئۇچرىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن ئۈچ ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، يەر شارى مىقياسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇخبىر سانى ئۆرلىگەن، ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق توقۇنۇشى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب ئىكەن.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇخبىر سانى ئەڭ كۆپ ئالدىنقى بەش دۆلەت ئافغانىستان، سۇرىيە، مېكسىكا، ئىراق ۋە يەمەن ئىكەن.

  «ئاخبارات بەلگىسى ھەرىكىتى»دە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېيىلدى : ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» ۋە تالىبانلار مۇخبىرلارنى قەستەن ئۆلتۈرۈش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. 2016 ـ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بۇ ئىككى تەشكىلات تۈركىيە، سۇرىيە، ئىراق، ئافغانىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق جايلاردا ئون نەچچە مۇخبىرنى ئۆلتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر