باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنى دادىل كۈچەيتىش، ياخشىلاش ۋە زورايتىش، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم ساھە ۋە مۇھىم ھالقىلاردا يېڭى ئۈنۈم يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2016.07.05 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى :مەملىكەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى سۆھبەت يىغىنى 4-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى دادىل كۈچەيتىش، ياخشىلاش ۋە زورايتىش، ھاياتىي كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۈلكى كاپالىتى قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىدا كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى جارىي قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ ئۈنۈملۈك كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرلىنىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە تەلىپى بويىچە، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئورۇنلاشتۇرمىنى ياخشىلاپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى يان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىكى تۈرتكىلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن قەتئىي مۇداپىئەلىنىش كېرەك. پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي يادرولۇق رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت دۆلەت كارخانىلىرىنى ياخشىلاش، دۆلەت ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە كۈچەيتىشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم ساھە ۋە مۇھىم ھالقىدا يېڭى ئۈنۈم يارىتىشى كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر