باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل تاراتقۇلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 1-ئىيۇلدىكى مۇھىم سۆزىگە دىققەت قىلدى

2016.07.05 14:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 1-ئىيۇل جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلدى ھەمدە بۇنىڭ ئىچىدىكى ماركسىزملىق ئېتىقاددا، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى خەۋەر قىلدى ۋە چۈشەندۈردى.

  ئەنگلىيەدە چىقىدىغان پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى ماقالە ئېلان قىلدى، ھەمدە «پۈتكۈل پارتىيەدىكى يولداشلار بىزنىڭ قۇرۇۋاتقىنىمىزنىڭ باشقا نەرسە بولماستىن، بەلكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىكەنلىكىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىشى كېرەك» دېگەن مەزمۇننى نەقىل كەلتۈردى.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى سۆزدىكى «مەركىزى پارتىيەنى ۋە دۆلەتنى قۇرۇشتىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە، ماركسىزمدىن چەتنەپ ۋە ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەندە، پارتىيەمىز روھىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ، يولدىن ئازىدۇ» دېگەن بايانلارغا دىققەت قىلدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇنىڭغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى ئىنتىزامچانلىقىنى قانداق كۈچەيتىش، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە بەلگىلىمىسىنى قانداق قوغداشنى كۈچەيتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزدى.

  رۇسىيە خەلقئارا تېلېگراف خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو پارتىيە ئىچىدە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا، ئارمىيەدە، كەڭ دائىرىدە چېرىكلىككە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

  پاكىستاندىكى ئاساسلىق تاراتقۇ بولغان تاڭ گېزىتى، خەۋەرلەر گېزىتى ۋە پاكىستان كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى ھەمدە بېرمىدىكى ئاساسلىق تاراتقۇ بولغان يەر شارى بېرما يېڭى نۇر گېزىتى، ئۆلچەملىك ۋاقىت گېزىتى ۋە سادا گېزىتى قاتارلىقلار جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ چىرىكلىككە ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇش ئىرادىسىگە دىققەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر