باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ يەرلىكنىڭ كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى كۈچەپ قوللىشى توغرىسىدا يوليورۇق بەردى

2016.07.07 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ يەرلىكنىڭ كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى كۈچەپ قوللىشى توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا، ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ كەلكۈن ئەھۋالى ئېغىر، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولۇپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى كەلكۈن ئەھۋالى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى ئالاقىدار قىسىملىرىنىڭ كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە دەرھال ئاتلىنىشى ، ئارمىيەمىزنىڭ جەڭگە ئاتلىنىشتىكى شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى كۈچەپ قوللاپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوماندانلىق قىلدى.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر