باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق جايلارنىڭ ئىسلاھاتتا ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناش لايىھەسىنى تەستىقلىدى

2016.07.05 19:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن يېقىندا «گوۋۇيۈەن بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق جايلارنىڭ ئىسلاھاتتا ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناش لايىھەسى» نى ماقۇللاپ تەستىقلىدى.

  تەستىقتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېچىۋېتىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، بېيجىڭنىڭ ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بولۇشتىكى تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگۈەنسۈن دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇلازىمەتچىلىكنى كېڭەيتىش، ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتىسى، تيەنجىن دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، جۇڭگو (تيەنجىن) ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى ۋە شى (جياجۇاڭ) باۋ (دىڭ) لاڭ (فاڭ) رايونىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا سانائەت تەرەققىيات رايونى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىيات تەرەققىيات ئاساسى سىياسىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە ئالدىن تەجرىبە قىلىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ جاينىڭ يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ ، مەبلەغ، سىياسەت زەنجىرىنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈپ، رايون يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس يېڭىلىق يارىتىش ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تۈرتكىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر