- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پەيزاۋات باش مەيدانىدا سوغۇق ساقلاش ئامبىرى بار بولدى
2016.07.05 16:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (بىڭتۈەن 3-شى پەيزاۋات باش مەيدانى 8-ليەنىدىن ئىختىيارىي مۇخبىر روزىھاجى نەزەر، تۇرغۇن سېلىم خەۋىرى) بىڭتۈەن 3-شى پەيزاۋات باش مەيدانى 11 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان، 2000 توننا مېۋە، كۆكتات سىغىدىغان، 10 مىڭ 84 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى سوغۇق ساقلاش ئامبىرى يېقىندا پۈتتى.
كۆكتات، مېۋە-چېۋە، تەبئىي يېمەكلىكلەرنى ئەسلىي ھالىتىدە ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇرۇلۇشنىڭ پۈتكىنىنى كۆرگەن ئىشچىلار مۇنداق دېيىشتى: «مەيدانىمىزدا قۇرغاقچىلىق ئېغىر بولغاچقا قوغۇن-تاۋۇز، مېۋە-كۆكتات، تەبئىي يېمەكلىكلەرنى ساقلىماق تولىمۇ قېيىن ئىدى، ئەمدى سوغۇق ساقلاش ئامبىرى بېشىمىزدىكى غەمنى تۈگەتتى، بىزگە بېيىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان پارتىيەگە كۆپ رەھمەت».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر