باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كامبودژالىق 70 ئوقۇغۇچى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2016.07.12 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئىيۇل، 2016-2017-يىللىق جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئېلىش ئۇقتۇرۇشىنى تارقىتىش مۇراسىمى پىنومپېندا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگونىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇ جيەنگو، كامبودژا مائارىپ، ياشلار، تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەزىرى خاڭ چۇن نارون قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. بۇ يىل كامبودژالىق 70 مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  بۇ جيەنگو سۆزىدە، تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر، يىللاردىن بۇيان كامبودژادىن جۇڭگوغا بېرىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2000 دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو تەرەپ كامبودژا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، دېدى.

  خاڭ چۇن نارون جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كامبودژانىڭ تەرەققىياتىغا بەرگەن مەدىتى ۋە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر