باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردا ماشىنا چاقىرىشتىكى تۇنجى شوپۇرلار ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى

ئۈچ خىل قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشى بارلار بىر بېلەت بىلەن رەت قىلىنىدۇ

2016.07.12 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: توردا ماشىنا چاقىرىشتىكى شوپۇرلارنىڭ كەسىپكە كىرىش ئۆلچىمى ئىزچىل ئېنىق بولماي كەلگەن بولۇپ، نۇرغۇن جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخى بارلارمۇ بۇ كەسىپكە كىرگەن ئىدى. بۇ ئەھۋالدا ئەمدى ئۆزگىرىش بولىدىغان بولدى. تۆنۈگۈن جۇڭگو ئېنتىرنېت تورى جەمئىيىتىنىڭ ھەمبەھىر ئىقتىساد خىزمىتى كومىتېتى «دى دى سەپەر» بىلەن بىرلىكتە كۆچمە سەپەردىكى شوپۇرلارنىڭ كەسىپكە كىرىشنى چەكلەش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ، تۇنجى قېتىم توردا ماشىنا چاقىرىشتىكى شوپۇرلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشتىكى «سەلبىي تىزىملىك»نى ئايدىڭلاشتۇردى. ئېغىر زوراۋانلىق ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى سادىر قىلىش، ئىجتىمائىي ئامانلىق بويىچە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش، قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈردە جىنايەت سادىر قىلىش خاتىرىسى بارلار ۋە روھىي كېسەللەر بىر بېلەت بىلەن رەت قىلىنىپ، كۆچمە سەپەر سۇپىسىغا كىرىشى چەكلەندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كىرىشى چەكلەنگەنلەر ئاساسلىقى ئېغىر زوراۋانلار، زوراۋانلىق قىلىش ئېھتىماللىقى بار ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەر، ئامانلىق قانۇنىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ۋە قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، جىنايەت سادىر قىلىپ قېچىپ يۈرۈۋاتقانلار ھەم يەنە تۇتقۇن قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، ئوغرىلىق قىلىش، زەھەر چېكىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، پەسكەشلىك قىلىش، قەستەن يارىلاندۇرۇش، توپلىشىپ ئۇرۇشۇش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق جىنايەت خاتىرىسى بارلاردىن باشقا، يەنە باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش قاتارلىق «ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى» ۋە قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپ خاتىرىسى بارلارمۇ بۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن.

  نۆۋەتتە، دى دى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ھەم جىنايەت ئۆتكۈزۈش خاتىرىسىنى بىرلىكتە تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان بىردىنبىر سەپەر سۇپىسى بولۇپ، شوپۇرلار ۋە ماشىنا ئىگىسى دى دىغا تىزىملاتقاندا، «كىملىك»، «پىراۋا» ۋە «ماشىنىنىڭ يۈرۈش كىنىشكىسى» ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىشى كېرەك، بۇ ئۈچ كىنىشكە ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بولغاندىلا، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملاتقىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر