باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە بۇ يىل 10 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2016.07.05 13:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چەت، چېگرا نامرات رايونلاردىكى ياش ئۆسمۈرلەرنى سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش، ئاساسىي مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل شىنجاڭ رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۆتكەن يىلىدىكى ئاساستا يەنە يۈز ئوقۇغۇچى كۆپەيتىپ ئېلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى 10 مىڭ 600گە يېتىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى رايون ئىچى ئوقۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىلشات ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: 10 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدا، ئاپتونوم رايون يەرلىكتىن ئون مىڭ ئوقۇغۇچى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن 600 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ ئۆتكەن يىلىدىكىدىن 100 ئوقۇغۇچى كۆپ. ئۇندىن باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى ئومۇمىي ساننىڭ تەخمىنەن %90نى ئىگىلەيدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 4-ئىيۇل ئاياغلىشىدۇ، شۇ چاغدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى سىرتقا ئېلان قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر