خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى) ئاقسۇ شەھىرىنىڭ توپلۇق يېزىسى كەنتلىرىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپا كادىرلىرى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاكتىپ ماسلاشتۇرۇشى ۋە كەنتتىكى دېھقان ياشلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىشى نەتىجىسىدە، 12 كەنت خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن 30 تىن ئارتۇق كىچىك مەدەنىيەت ئەترىتى تەشكىللەپ، خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنت ياشلىرى بىلەن نۆۋەتلىشىپ، ھەر ھەپتىنىڭ ئۈچىدىكى يېزىنىڭ بازار كۈنىدە «بازار مەدەنىيەت سەھنىسى»دە مەدەنىيەت-سەنئەت نومۇرى كۆرسەتتى، ئۇلار كەنتكە چۈشكەن يېرىم يىل ئىچىدە 60 مەيداندىن ئارتۇق نۇمۇر كۆرسىتىپ، كەڭ دېھقان ئاممىنى زامانىۋى مەدەنىيەتكە باشلاشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
سۈرەتتە: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت- سەنئەت مەركىزىدىن توپلۇق يېزىسى مۇرقەدەم كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر دېھقانلار بىلەن نۇمۇر كۆرسەتمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى