باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تېلېگرافى گۇرۇھى شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىرى چاڭ شياۋبىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى

2016.07.12 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جۇڭگو تېلېگرافى گۇرۇھى شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىرى چاڭ شياۋبىڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چاڭ شياۋبىڭنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، مەركەز مەخسۇس كۆزىتىش خىزمىتىگە كاشىلا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلمىغانلىقى، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغانلىقى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، تەيىنلەشتە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ ھەم باشقىلاردىن پۇل ۋە مال-مۈلۈك ئالغانلىقى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ «ئۈچ مۇھىم، بىر چوڭ» تەدبىر بەلگىلەش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلمىغانلىقى؛ پاك- دىيانەت بولۇشتا ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ۋەزىپىسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنىڭ تىجارەت قىلىشىغا قانۇنسىز پايدا يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ خىزمەت تەسىردىن پايدىلىنىپ تۇغقانلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىشىگە سۈكۈت قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئۇنىڭ خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ كارخانا تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەم پۇل ۋە مال-مۈلۈك قوبۇل قىلىپ، پارا ئېلىش قىلمىشى جىنايەتكە چېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر