باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى تۇنجى قېتىم «قاناس» مەخسۇس ساياھەت پويىزىنى يولغا قويدى

2016.07.12 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئىيۇل سائەت 18:39 دا 200دىن ئارتۇق ساياھەتچى Y945 قېتىملىق «قاناس» مەخسۇس ساياھەت پويىزىغا ئولتۇرۇپ، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، قاناس ساياھىتىنى باشلىۋەتتى.

  بۇ، «گۈزەل شىنجاڭ» ساياھەت مەھسۇلاتلىرى نامىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان يېڭى مەھسۇلات تۈرى بولۇپ، ساياھەتچىلەر بۇ 50 نەچچە سائەتلىك مۇساپىدە بىر نەچچە ساياھەت نۇقتىسىنى ساياھەت قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا قاناسقا يېتىپ بارىدۇ ھەم قاناسنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساياھەت كەسپى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى باشلامچى كەسىپكە ئايلاندى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يېڭى ۋەزىيەتتىكى ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسىدا ساياھەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «گۈزەل شىنجاڭ» نامىدىكى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە قولايلىق ياراتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر