باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ ۋە ئاسىيا-ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

2016.07.12 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 8-ئىيۇن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ موڭغۇلىيە زۇڭلىسى جىرغىلتۇلغا ئېردىڭبەكنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 13-ئىيۇلدىن 14-ئىيۇلغىچە موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى چاشيا ئېلبېگدورجىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 15-ئىيۇلدىن 16-ئىيۇلغىچە موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئۇلانباتوردا ئۆتكۈزۈلىدىغان 11-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  بۇ لى كېچياڭنىڭ زۇڭلى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا جۇڭگو زۇڭلىسىنىڭ ئالتە يىلدىن كېيىن موڭغۇلىيەنى قايتا زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى گاۋ شۇماۋ دېگەنگە ئوخشاش: «بۇ بىر قېتىملىق كونكرېت ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش سەپىرى بولۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى سەھىپە ئاچىدۇ.»

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتى ياۋروپا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سۈي خۇڭجيەن مۇنداق دېدى: ئاسىيا-ياۋروپا باشلىقلار يىغىنى 1996-يىلدىن باشلاپ ئېچىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 20 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى، ھەر قايسى تەرەپلەر بۇ قېتىملىق يىغىندا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلسا، ئاسىيا-ياۋروپا يىغىنى تارىخىدىكى بىر مۇھىم تۈگۈنگە ئايلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر