باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سوت مەھكىمىسى قۇرغان ئۈندىدار توپى ئاممىغا قولايلىق ياراتتى

2016.07.11 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمان ئۇبۇل خەۋىرى) ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇلازىمەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، «پۇقرالار دۈچ كەلگەن قانۇنىي مەسلىلەرگە ھەر ۋاقىت ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، پۇقرالار دۇچ كەلگەن قىينچىلىقلارنى ھەل قىلىش» مۇلازىمەت ئۈنۈمىگە يېتىش ھەم پۇقرالارغا «ئەدلىيە مۇلازىمىتى ھەرقاچان يېنىڭىزدا»نى ھەققىي ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى «دەۋا مۇلازىمىتى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈندىدار توپى»دىن ئىككىنى قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «دەۋا مۇلازىمىتى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈندىدار توپى»نىڭ ئىككىلىك كودىنى ئۈندىدار توپلىرىدا چاپلاپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئاممىغا «دەۋا مۇلازىمىتى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈندىدار توپى» ۋە بۇ توپنىڭ مۇلازىمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارلىدى. توپتىكى ئاساسلىق مۇلازىمەتچى خادىملار ئادۋوكاتلار، سوتچىلار، خەلق زاسېداتېللىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، دەۋا ئىشلىرى توغرىلىق مەسلىھەت سورىماقچى بولغانلار، بۇ ئۈندىدار توپى ئارقىلىق توپتىكى مۇلازىمەتچى خادىملاردىن مەسلىھەت سورىسا، توپتىكى مۇلازىمەتچى خادىملار قانۇنغا ئاساسلانغان ھالدا مەسلىھەت بېرىدۇ.

  بۇ ئۈندىدار توپى ئارقىلىق مۇھىم ئۇچۇرلار ۋە ئۇقتۇرۇشلار ئېلان قىلىنىپ، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن ئامما بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئامما ھەر قاچان مەسلىھەت سوراپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئامما ئارىسىدا قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتلەردە كۆپ قولايلىقلار يارىتىلىپ، پۇقرالارنىڭ قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر