باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ نەنخەي ئارىلىدىكى بەش چوڭ ماياك ئۇنىۋېرسال يول باشلاشقا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ

2016.07.11 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئىيۇل ئېلىمىزنىڭ 12-قېتىملىق دېڭىز سەپىرى كۈنى. قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇچىڭ 10-ئىيۇل جۇڭگو دېڭىز دېڭىز سەپىرى كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىز نەنشا ئارىلىغا قۇرغان بەش چوڭ ماياكنى ئۇنىۋېرسال يول باشلاشقا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ، ئېلىمىزنىڭ نەنخەي دېڭىز تەۋەلىكى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم پاراۋانلىق مۇلازىمىتى ئەسلىھەسى.

  شۈ رۇچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېلىمىز نەنشا ئارىلىغا كەينى-كەينىدىن بەش چوڭ ماياك قۇردى. ھازىرغىچە، خۇاياڭ، چىجۇا، جۇبى، شۈيشۇ قاتارلىق تۆت ماياك ئىلگىرى-كېيىن قۇرۇلۇپ نۇر چىقىرىپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۆت ماياك بۇ سۇ رايونىدىكى پاراخوتلارنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. ھازىر كۆركەم ماياكنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئاساسەن پۈتۈپ، نۇر چىقىرىپ ئىشلىتىش ئۇچۇرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى كۈتمەكتە.

  بۇ بەش ماياك بىردەك چوڭ تىپتىكى كۆپ ئىقتىدارلىق ماياك بولۇپ، ماياك ئېگىزلىكى 50 مېتىردىن 55 مېتىرغىچە بولۇپ، زامانىۋى چوڭ تىپتىكى ئايلانما چىراغ ئورنىتىلغان، دىيامېتىرى 4.5 مېتىرلىق پانۇس سەپلەنگەن بولۇپ، كېچىدە ئاق نۇر چىقىرىدۇ، 22 دېڭىز مىلىنى يورۇتالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر