- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
2016.07.11 16:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىر زۆھرەگۈل ھامۇت خەۋىرى، فوتوسى) شايار ناھىيەسى قايلور بازىرى دۈشەنبە بازار كەنتىدە، يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن يۇرتتىكى ئۆزگىرىشنى سۆزلەش، ئىتتىپاقلىقنى سۆزلەش، پارتىيەنىڭ شەپقىتىدىن مىننەتدار بولۇش لىكسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. لىكسىيەدە يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يۇرتىدىكى ئۆزگىرىش، مەكتىپىدىكى ئۆزگىرىش، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ نامرات ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان مائارىپ ياردىمى، دېھقانلارغا ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك تولۇقلىما ياردەم سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا سۆزلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. لىكسىيەگە 800دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر