باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

40-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنى ئېچىلدى

جۇڭگونىڭ ئىككى تۈرى دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىندى

2016.07.12 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىستانبۇلدىن بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، 40-نۆۋەتلىك ب د ت مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى يىغىنى (دۇنيا مىراسلىرى يىغىنى) 10-ئىيۇل تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە باشلانغان، يىغىندا جۇڭگو خۇبېينىڭ شېننوڭجيا، گۇاڭشىنىڭ زوجياڭخۇا تاغ قىيا تاش سىزمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 29 تۈر مۇھاكىمە قىلىشقا ئىلتىماس قىلىنغان ھەم تېررورچىلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەتكەس قىلىش ۋە ۋەيران قىلىشىنى توسۇش مۇزاكىرە قىلىنغان.

  بۇ نۆۋەتلىك يىغىن 11 كۈن داۋاملىشىدىكەن. بۇ قېتىمقى يىغىندا خۇبېيدىكى شېننۇڭجيا تەبىئىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە، گۇاڭشى زوجياڭخۇا تاغ قىيا تاش سىزمىلىرى سەنئەت مەدەنىيەت مەنزىرىسى مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىندى.

  دۇنيا مىراسلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش يىللاردىن بۇيان دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا كۆڭۈل بۆلۈنىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بوكوۋا ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تېررورچىلار ۋە ئۇرۇش مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر