خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىر نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) 10- ئىيۇل، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئابدۇقادىر موللىنىياز چىمەن بازىرىنىڭ ئۆگەن كەنت مەدەنىيەت–تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزىدە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئامما ۋە دىنىي زاتلار ئارىسىدا ناھىيەنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، تەرتىپنى سۆزلەش» مۇھىم نۇقتا قىلىنغان دىنىي سىياسەت، قانۇن-نىزاملار ۋە زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى– تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەميئەت قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك ۋە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئىككى مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى، لېكسىيە ئاڭلاشقا قاتناشقان 700 دىن ئارتۇق كادىر، ئامما ۋە دىني زاتلار چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلىندى.
سۈرەتتە: 10–ئىيۇل، ھەر مىللەت ئامما ھاكىمنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى