خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى) مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى چاقىرىلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەز قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى بەرپا قىلىشنى تەستىقلىغاندىن بۇيان، قەشقەر يۈەنفاڭ گۇرۇھى پايدىلىق تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگو – ئاسىيا خەلقئارالىق ئەشيا ئوبوروتى پورتى ماركىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، بايلىقلارنى تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق، كاپىتال بازىرىغا كىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
2013 - يىلى، خەلقئارالىق ئەشيا ئوبوروتى پورتى تۈرىنى باشلاپ، ھازىرغا قەدەر شىركەتنىڭ جۇغلانما مەبلىغى 500 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى؛ باغچا رايونىمۇ تەرەققىي قىلىپ، دەسلەپكى بىر قانچە دۇكاندىن ھازىرقى 400 دىن كۆپرەك دۇكانغا كۆپەيدى، خادىملارمۇ ئەسلىدىكى نەچچە ئون كىشىدىن ھازىرقى نەچچە يۈز كىشىگە كۆپىيىپ، 2000 دىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
قەشقەر يۈەنفاڭ خەلقئارالىق ئەشيا ئوبوروتى پورتىدىن ھازىرغا قەدەر سىرتقا چىقىرىلغان تۈرلۈك ماددىي ئەشيا مىقدارى 200 مىڭ توننىغا يېتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى