خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمان ئۇبۇل خەۋىرى، فوتوسى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك تەزكىرە كومىتېتىدىن ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى داخان كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ كەنت مەھەللىسى بىلەن تېرىلغۇ يەرنى ئايرىپ تۇرىدىغان چوڭ ئۆستەڭگە 50 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا «تەزكىرە كۆۋرۈكى» سالدۇرۇپ بەردى. نۆۋەتتە، بۇ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن.
سۈرەتتە: پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان «تەزكىرە كۆۋرۈكى».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى