باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز تۇغما يۈرەك كېسىلى ۋە مېڭە پارالىچى كېسىلى ئېغىر بالىلارنى تەكشۈرىدۇ ۋە داۋالايدۇ

2016.07.07 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى» خىزمىتى رەھبەرلىك گورۇپپىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، نۇقتا بېكىتىپ داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تۇغما يۈرەك كېسىلى ۋە مېڭە پارالىچى كېسىلى ئېغىر بالىلارنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى» مۇھىم تەدبىرىگە دائىر 5-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھېسابلىنىدۇ.

  مۆلچەرلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىدىن يىلىغا تەخمىنەن 1000دىن ئارتۇقراق كۆپىيىدىكەن، 2015 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن مېڭە پارالىچى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىدىن تەخمىنەن 780 – 1365ى كۆپەيگەن. بۇ ئىككى خىل كېسەللىكنىڭ داۋالاش چىقىمى يۇقىرى، داۋالاش دەۋرىيلىكى ئۇزاق بولغاچقا، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقنىڭ ئائىلىسى، ھەتتا شۇ جەمەتتىكىلەرگە ئېغىر بېسىم بولۇپ، نۇرغۇن ئائىلىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۇزاقتىن بۇيان بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەچكە، بالىلارغا قارىتىلغان تۇغما يۈرەك كېسىلى ۋە مېڭە پارالىچى كېسىلى ئاغرىقلىرىنى ئېنىقلاش ۋە داۋالاپ ساقايتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلىدىكى 27 تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر قاتارىغا كىرگۈزگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر باھارگۈل سەمەت مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا، ئىلى ئوبلاستلىق ‹‹دوستلۇق›› دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئون داۋالاش ئورگىنى تۇنجى تۈركۈمدە تۇغما يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنى ئېنىقلاش، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ يىل 8 – ئايدىن 10 – ئايغىچە، داۋالاش نۇقتىسى قىلىنغان بۇ داۋالاش ئورگانلىرى جايلاردا تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدۇ، بۇ يىل 11 – ئايدىن 2017 – يىل 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە، كېسىلى ئېنىقلانغان ۋە ئوپېراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىك بالىلارنى داۋالاپ ساقايتىدۇ. بۇ جەرياندىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋە مېڭە پارالىچى خەۋپى ئېغىر بالىلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش چىقىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىلەن يەرلىك مالىيە بىرلىكتە ھەل قىلىپ، داۋالاش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش چىقىمىنى شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تولۇق سومما بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2011 – يىلىنىڭ بېشىدا، بالىلاردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش كاپالىتى تۈرىنى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى››دىكى 22 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئەمەلىي ئىشنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن ھەم ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ بالىلاردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش تۈرىنى يولغا قويۇش چارىسى››غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 0 ياشتىن 14 ياشقىچە (14 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان بالىلارنى تۇغما يۈرەك كېسىلى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ياكى شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان، شۇنداقلا ئوپېراتسىيە قىلىشقا ئۇيغۇن بالىلارنى داۋالاپ ساقايتقان. ‹‹باھار مايسىسى قۇرۇلۇشى›› دەپ ئاتالغان بۇ تۈر قۇرۇلۇشىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈچ يىلدا 400 مىڭدىن ئارتۇق تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، بۇنىڭ 5232سى كېسەلخانىدا ياتقۇزۇلغان، 4688ى ئوڭۇشلۇق ئوپېراتسىيە قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مېڭە پارالىچى خەۋپى ئېغىر بالىلارنى ئېنىقلاش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، داۋالاش تۈرىنى يولغا قويۇش چارىسى››نى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 0 ياشتىن ئۈچ ياشقىچە (ئۈچ ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياكى شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بالىلارنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ھەقسىز داۋالاپ ساقايتقان. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل داۋاملىق ‹‹باھار مايسىسى قۇرۇلۇشى›› ئاساسىدا، يېڭىدىن كۆپەيگەن تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئېنىقلاش ۋە داۋالاپ ساقايتىش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر