خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئىيۇل سەھەر سائەت 4تە، 125 سائەتلىك قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ جىنچېڭ كۆمۈر كېنىدىكى سۇ چىقىپ كېتىش ھادىسىسىدە يەر يۈزى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان سەككىز ئىشچىنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇپ چىقىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى. 2-ئىيۇل، شەنشىدىكى شىنخى ئېنېرگىيە گۇرۇھى جوڭسۈن كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇدۇق ئاستى 2405 شامال قايتىش ئوقۇرى قېزىش ئىش ئورنىدا ئىچكىرىلەپ قېزىش جەريانىدا سۇ چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، شۈ كۈنى 94 ئادەم نۆۋەتچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 82 ئادەم بىخەتەر چېكىنىپ چىققان، 12 ئادەم قۇدۇق ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان. نۆۋەتتە، سەككىز ئادەم قۇدۇقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتقۇزۇپ چىقىلغان، تۆت ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى، قۇتقۇزۇش يەنىلا جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى