- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەنگلىيەنىڭ ئىراق ئۇرۇشىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىندى
2016.07.07 15:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە 6-ئىيۇل ئېلان قىلغان ئىراق ئۇرۇشىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئەنگلىيەنىڭ ئىراق ئۇرۇشى قارارى «مەسىلە بار» ئاخبارات ۋە باھالاش ئاساسىدا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇرۇش قوزغاشتىن بۇرۇن، ئىراق مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ۋاسىتىلىرى يوق ئەمەس ئىدى، دېيىلدى.
ئەنگلىيە ھۆكۈمەت تەرەپ تەشكىللىگەن ئىراق ئۇرۇشىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون چىركىت شۇ كۈنى بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئېلان قىلدى. چىركىت، ئەنگلىيە ئىراققا تاجاۋۇز قىلىشتىن بۇرۇن، ئىراق مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ۋاسىتىلىرى يوق ئەمەس ئىدى، ھەربىي ھەرىكەت ئەينى چاغدىكى ئامالسىز تاللاش ئەمەس ئىدى، دېدى.
چىركىت، ئەنگلىيەنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىراقنىڭ زور كۆلەمدىكى قىرغۇچى قوراللىرى تەھتىدىنىڭ ئېغىرلىقىغا بولغان ھۆكۈمى توغرا ئەمەس بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئاخباراتلارمۇ شۇ چاغدىكى ئىراق زوڭتوڭى سادام ھۈسەيىننىڭ داۋاملىق بىيو-خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئىسپاتلىيالمايتتى، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر