باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-ئىيۇلدىن باشلاپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بارلىق ئوچۇق سوتلىرى پىرىنسىپ جەھەتتىن بىردەك ئالاقە تورى ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى

2016.07.07 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىڭ خەنچاۋ 6-ئىيۇل بېيجىڭدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بارلىق ئوچۇق سوتلىرى پىرىنسىپ جەھەتتىن بىردەك ئالاقە تورى ئارقىلىق كۆرسىتىلدى.

  جىڭ خەنچاۋ مۇنداق دېدى: سوتنىڭ ئوچۇق ئېچىلىشى ئەدلىيەدە ئاشكارا بولۇشنى تىنچ ھالەتتىن ھەرىكەتچان ھالەتكە كىرگۈزۈپ، سوتقا ئەنئەنىۋى سىرتتىن قاتنىشىشتىكى «نەق مەيدان ھەققانىيلىقى»، گېزىتتە بېرىلگەن «ھەققانىيلىقنى بايان قىلىش» تىن، تېلېۋىزور ۋە توردىكى «ئېكرانلىق ھەققانىيلىق» قىچە، سۈپەتتىكى بىر قېتىملىق ھالقىش. دېلولارنى چۇق سوت قىلىش جەريانىنى تولۇق، چوڭقۇر قاتلاملىق ئاشكارىلاش ئارقىلىق، جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ غەمخورلىقىغا ئېرىشىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. سوتنى ئاشكارىلاشمۇ سودىيەلەرنى باشقۇرۇش ۋە سوتلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇرلاش رولىنى ئويناپ، سوت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ۋە سوت تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر