- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل» دا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدىكى كىتابچە ئۈچ كۈندە 1 مىليون 600 مىڭ پارچە تارقىتىلدى
2016.07.07 16:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى» توغرىسىدىكى كىتابچە خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، ئۈچ كۈندە 1 مىليون 600 مىڭ پارچە تارقىتىلدى.
بېيجىڭ شىدەن كىتاب سارىيى، ۋاڭ فۇجىڭ كۇتۇپخانىسى قاتارلىق ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى چوڭ كۈتۈبخانىلارنىڭ سېتىش نۇقتىلىرىغا مەخسۇس پوكەي تەسىس قىلىنىپ، كىتابچە نۇقتىلىق كۆرگەزمە قىلىنىپ سېتىلىپ كىشىلەر قىزغىن سېتىۋالدى. خەلق نەشرىياتىنىڭ باش مۇھەررىرى شىن گۇاڭۋېي مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى توغرىسىدىكى كىتابچىنىڭ قىزغىن سېتىلىشى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىش دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئەسلى ئەسەرنى ئۆگىنىش ۋە پىرىنسىپنى چۈشىنىشتىكى تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىقىنى نامايان قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر