باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ ئاممىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم ئېھتىيات تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ۋە ئەسلىھە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى

2016.07.07 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5-ئىيۇلدىن 6-ئىيۇلغىچە، ئەنخۇي فۇياڭ، خۇننەن يۆياڭ، خۇبېي ۋۇخەنگە بېرىپ چاڭجياڭ، خۇەيخې دەريا ۋادىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، خەۋپ-خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى.

  بۇ يىل كەلكۈن بالدۇر كېلىپ، قاتتىق يامغۇرنىڭ مەركەزلىشىش دائىرىسى كەڭ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق بولدى، چوڭ دەريا، چوڭ كۆللەرنىڭ كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشى ۋە ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەممىدىن مۇھىم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار كۆپ قېتىم مۇھىم كۆرسەتمە ۋە تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ۋە ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خۇەيخې دەرياسى ئەزەلدىن ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون. لى كېچياڭ «مىڭ چاقىرىملىق خۇەيخې1-توغانى» ئەنخۇي فۇياڭ ۋاڭجيا توغىنىغا بېرىپ، يۇقىرى ئېقىننىڭ سۇ كېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، كەلكۈن ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىگىلىدى ھەم خىزمەتچىلەرنىڭ «قۇلىقى ئۆتكۈر ئەسكەرلەر» دىن بولۇپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە ئالدىن مەلۇماتنىڭ دەل جايىدا توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تاپىلىدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 7- ۋە 8-ئاي كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنشتىكى ھالقىلىق مەزگىل، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كېيىنكى ئىش، بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تارىنى باشتىن-ئاخىر چىڭىتىپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىمنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر