خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمان ئوبۇل خەۋىرى، فوتوسى) «ھازىر سوتنىڭ تەكشۈرۈشى باشلاندى، تەپتىش ئەيىبلەشنامىنى ئوقۇپ ئۆتىدۇ» ...، «جاۋابكار دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرىڭ بارمۇ-يوق؟»...
قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، قانۇننى بىلىش ۋە قانۇندىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىش، ئۇلارنى ئاڭلىق ھالدا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى ئىشلىتىش يولىغا يېتەكلەپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 4-ئىيۇل، ئونسۇ ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى باشلامچى بولۇپ، ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، ئەدلىيە ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىرلىشىپ، ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت كوللېگىيىسىدە «ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ 2016-يىللىق ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەقلىدىي سوت مۇسابىقىسى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىمقى تەقلىدىي سوت مۇسابىقىسى ناھىيەدىكى 18 ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەقلىدىي سوت تەييارلىق مۇسابىقىسى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھەر قايسى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلار مەكتەپلەر تەكلىپ قىلغان قانۇن-تۈزۈمگە مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن ئەستايدىل مەشىق قىلىپ، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدىغان تەقلىدىي سوتنى سىنغا ئېلىپ يوللاش، مەكتەپلەر يوللىغان تەقلىدىي سوت سىن كۆرۈنۈشىنى ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملار كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن تاللاش ئارقىلىق، يەتتە كوماندا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتى.
مۇسابىقە مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ بالىلىقتىكى شوخلۇقلىرىنى تاشلاپ، سۈرلۈك ھەم ھەققانىي «سوتچى» لاردىن، مەردانىلىك بىلەن سۆزلەيدىغان «ئەيىبلىگۈچى» لەردىن، كۈچلۈك مۇنازىرە قىلىدىغان «ئاقلىغۇچى» لاردىن بولۇپ، كۈچلۈك پاكت ئاساسلىرىنى قويۇپ، دەۋاگەرنىڭ ھەققانىي قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، قانۇننىڭ ئادىللىق، باراۋەرلىك روھىنى نامايەن قىلدى.
ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى كەسپىي خادىملارنىڭ ئادىل باھالىشى، ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ قىزغىن مۇسابىقىلىشىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى بىرىنچىلىككە، ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، 5-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىلىرى ئىككىنچىلىككە، چاغراق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، قىزىل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىلىرى ئۈچىنچىلىككە، ئارال بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
سۈرەتتە: تەقلىدىي سوت مەيدانىدىن كۆرۈنۈشلەر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى