باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

13- نۆۋەتلىك قۇمۇل قوغۇنى بايرىمى باشلاندى

200 خىلدىن ئارتۇق قوغۇن سورتى كۆرگەزمە قىلىندى

2016.07.11 15:58   مەنبە: خەلق تورى

13- نۆۋەتلىك قۇمۇل قوغۇنى بايرىمى باشلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، شادىيانە ناخشا - ئۇسسۇل بىلەن جۇڭگو قۇمۇل «شېرىن ساياھەت» 13 - نۆۋەتلىك قومۇل قوغۇن بايرىمى قۇمۇل شەھىرىدە باشلاندى، بۇ پائالىيەتتە 200 خىلدىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك قوغۇن سورتى كۆرگەزمە قىلىنىپ، بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 50 خىلدىن ئارتۇق كۆپەيدى، پائالىيەت مىڭلىغان ساياھەتچى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك قومۇل قوغۇن بايرىمى 5- ئايدىن 9-ئايغىچە داۋاملىشىدىغان، پائالىيەتتە مەدەنىيەت، سەنئەت، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان 35 تۈرلۈك مول مەزمۇنلۇق بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، پائالىيەت سانى، داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە كۆرگەزمە قىلىنغان قوغۇن تۈرلىرى جەھەتتە ھەر نۆۋەتلىك قومۇل قوغۇن بايرىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ياراتتى.

  بۇنىڭدىن سىرت، قۇمۇل شەھىرى يەنە قومۇل قوغۇن بايرىمى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ماي بوياق رەسىم توپلىمىنى نەشر قىلدىكەن، قوغۇننىڭ بىر قاتار كەشتە بويۇملىرىنى لاھىيەلەپ بازارغا سالىدىكەن، قوغۇن پوچتا ماركىسىنى تارقىتىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو قۇمۇل «شېرىن ساياھەت» قومۇل قوغۇن بايرىمى 1993 - يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، 12 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن. تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل قۇمۇل 18 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قومۇل قوغۇنى ئېكولوگىيە باغچا مەيدانى، ئويۇن قويۇش مەيدانى قاتارلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، قومۇل قوغۇنى باغچا مەنزىرە رايونى ساياھەت مۇھىتىنى ياخشىلىغان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، شۇ كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن باشلاپ شۇ كۈنى ئاخىرىغىچە، قومۇل قوغۇنى باغچىسىغا كەلگەن ساياھەتچى 80 مىڭدىن ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمدە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىل…
    ·شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە بۇ يىل 10 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىز…
    ·2016-يىلى شىنجاڭدا تاق تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭدىن 5121 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلاردىكى مەكتەپلەردىن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا ت…
    ·شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار 28-ئىيۇندىن باشلاپ …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا بولۇش» قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش چارىسى تەتقىق قىلىپ تۈ…
    ·بىر قىسىم ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۆستۈرۈلىدۇ
    ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان 33 نەپەر ئوقۇغۇچى توردا ئېلان قىلىندى
    ·تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھان نەتىجىسى 10-ئىيۇل ئېلان قىلىنىدۇ