خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى) قەشقەر شەھىرىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەزەرىيە ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن 7- ئىيۇل «پارتىيە نىزامنامىسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 1- ئىيۇل مۇھىم سۆزىنىڭ روھى»نى ئۆگىنىش بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، يېزىغا قاراشلىق ھەرقايسى كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرى، ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە دېھقان پارتىيە ئەزالىرى ئاكتىپلىق بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشتى، ئاخىرىدا كوماندىلار ئۈچ دەرىجە بويىچە تەقدىرلىنىپ مۇكاپاتلاندى.
سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى