خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئىيۇل، ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتى داللاس شەھىرىنىڭ ساقچى ئىدارىسى سىرتىدا تەسىس قىلىنغان ۋاقىتلىق خاتىرە سورۇنى گۈل قاتارلىق خاتىرە بۇيۇمى بىلەن تولغان. داللاستا ئوققا تۇتۇش دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەرلىك نۇرغۇن ئامما داللاس ساقچى ئىدارىسى سىرتىغا كېلىپ، قازا قىلغان ساقچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى. 7-ئىيۇل كەچ، داللاس خەلقى شەھەر مەركىزىدە نامايىش قىلىپ، ئامېرىكا لۇئىزانا ئىشتاتى ۋە مىننېسوتا ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن ساقچىنىڭ ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋەقەگە قارىتا نامايىش ئۆتكۈزگەندە، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار سالاھىيىتى نامەلۇم قوراللىق كىشىنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان قۇراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بەش نەپەر ساقچى قازا قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى