باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى پەۋقۇلئاددە زور لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئامما مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2016.07.11 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئىيۇل، پەۋقۇلئاددە زور لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ۋە تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قاغىلىق ناھىيەسى كۆكيار يېزىسى 6 - كەنتىدىكى تۇنجى تۈركۈم 60 ئائىلىدىكى 198 كىشى كۆكيار يېزا 7 - كەنتتىكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا بىخەتەر يېتىپ باردى. قالغان ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىمۇ كەينى - كەينىدىن يۆتكەلمەكتە.

  6-ئىيۇل، قاغىلىق ناھىيەسى كۆكيار يېزىسى 6 - كەنتىدە پەۋقۇلئاددە زور لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ۋە تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن يوللارنى جىددىي رېمونت قىلىش ۋە ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

  خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئۈچ قېتىم ئاپتوموبىل، ئادەم، ئېشەك قاتارلىق ۋاسىتىلار بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى كۆكيار يېزىسى 6 - كەنتىگە يەتكۈزۈپ بەردى؛ شىنجاڭ قاتناش، قوراللىق ساقچى قىسىم قاتارلىق قوشۇنلارنىڭ ئۇدا ئۈچ كېچە - كۈندۈز جىددىي رېمونت قىلىشى ئارقىلىق، ئاپەت رايونىغا تۇتىشىدىغان، بۇزۇلۇشى ئەڭ ئېغىر بولغان قاتناش بۆلىكى 9 - ئىيۇل سائەت 16 دە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ماشىنىلار داۋاملىق تۈردە ئاپەت ئېغىر بولغان رايونلارغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە لۈيى 3- ئۇچۇش چوڭ ئەترىتى تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ، ئىككى قېتىم جۇۋا، يۇڭ ئەدىيال، مېنرال سۇ، نان، تەييار چۆپ قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئاپەت رايونىغا توشۇدى.

  نۆۋەتتە، ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ كېچە - كۈندۈز قۇتقۇزۇشى ئارقىلىق، قاغىلىق ناھىيەسى كۆكيار يېزىسى 7 - كەنتىنىڭ كىچىك يولىدا 9 - ئىيۇل قاتناش ئەسلىگە كەلدى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تۇرۇشلۇق كۆكيار يېزىسى 7 - كەنتىدە يول ئېچىلىپ، سىرت بىلەن بولغان ئالاقە ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، كۆكيار يېزىسى 6 - كەنتىنىڭ مۇئەسسەسەلىرى بۇ قېتىمقى پەۋقۇلئاددە زور لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ۋە تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش ئاپىتىدە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولغاچقا، قاغىلىق ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شۇ كەنت ئاھالىلىرىنى ناھىيە بازىرىغا كۆچۈرۈپ كىلىشنى قارار قىلغان. 9 - ئىيۇل ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان كۆكيار يېزىسى 6 - كەنتىدىكىلەرنى كۆچۈرۈش خىزمىتى باشلانغان. بىر تۇتاش بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ بويىچە، قاغىلىق ناھىيەسى ئاپەتكە ئۇچراپ كۆچۈرۈلگەنلەرگە 128 يۈرۈش سۇ، توك، گاز قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى تولۇق كاپالەتلىك قىلىنغان تۇرالغۇ ئۆينى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر