باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەقلىق ئىزدەشكە 1-سېنتەبىردىن باشلاپ ئېنىق «ئېلان» بەلگىسى قويۇلىدۇ

2016.07.11 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئالدىنقى كۈنى «ئېنتىرنېت تورى ئېلانلىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» (تۆۋەندە «چارە» دەپ قىسقارتىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، 1-سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى زور تالاش-تارتىش قوزغىغان ئېنتىرنېت تورى ئېلانلىرىنى ھەقلىق ئىزدەش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ھەقلىق ئىزدەش ئېلانلىرى بىلەن تەبئىي ئىزدەش نەتىجىسى ئېنىق ئايرىلىش تەلەپ قىلىندى، بەزى ھەقلىق ئىزدەش نەتىجىسىگە «كېڭەيتىش»، «سودا كېڭەيتىش» قاتارلىق بەلگىلەر قويۇلغانلارغا 9-ئايدىن باشلاپ ئېنىق قىلىپ «ئېلان» بەلگىسى قويۇلىدۇ.

  «بەلگىلىمە»دە يەنە، ئېنتىرنېت تورى ئېلانلىرىنىڭ تونۇشچانلىقى بولۇش كېرەكلىكى، «ئېلان» ئىكەنلىكى ئېنىق بەلگىلىنىپ، ئىستېمالچىلارغا ئېلان ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈش لازىملىقى بەلگىلەندى. بۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەقلىق ئىزدەش بولسۇن ياكى سودا كۆرگەزمە ئېلانى بولسۇن، «چارە»دە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان «ئېنتىرنېت ئېلانى»غا ماس كېلىدىغان بولسىلا، چوقۇم ئېنىق بەلگە بولۇشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان «چارە»گە ئاساسلانغاندا، ئېنتىرنېت تورىدا رېتسىپلىق دورا ۋە تاماكا ئېلانىنى ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ قانۇن، مەمۇرىي بەلگىلىمىدە ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش چەكلەنگەن تاۋار ياكى تەمىنلىنىدىغان مۇلازىمەت ۋە ئېلان قىلىش چەكلەنگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەر ئۈچۈن ئېنتىرنېت تورىدا ئېلان لايىھەلىشى، ياسىشى، ۋاكالەتچىلىك قىلىشى، ئېلان قىلىشىغا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر