- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسىنىڭ زۇڭلىسى ئونېئال بىلەن كۆرۈشتى
2016.07.08 15:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئىيۇل دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا پاپۇئا يېڭى گۋنىيىسىنىڭ زۇڭلىسى ئونېئال بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ زۇڭلى ئونېئالنىڭ جۇڭگو-پاپۇئا يېڭى گۋنىيىسى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىل مابەينىدە جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەم جۇڭگودىكى زىيارىتىدە مول نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسى مۇناسىۋىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو پاپۇئا يېڭى گۋنىيىسى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر