باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قانۇن ياردىمى مەركىزى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرماقتا

2016.07.08 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىر تۇقىز ئەمەت، نۇربىيە توختى خەۋىرى) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى قانۇن تەشۋىقاتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قانۇن ياردىمى ئورگانلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  يېقىندا ئونسۇ ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى قانۇن ياردىمى مەركىزى ئادوۋكاتلارنى، قانۇن مۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىنى تەشكىللەپ، ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار باشقۇرۇش رايونى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىدا لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى.

  لېكسىيە ئۆمىكى لوزۇنكا ئېسىش، مەخسۇس تېمىدا لىكسىيە سۆزلەش، تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىش، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، «قانۇن ياردىمى نىزامنامىسى»، «خەلق مۇرەسسە قانۇنى»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن–بەلگىلىمىلەرنى چۆرىدەپ، ئەمەلىي دېلو مىسالىغا بىرلەشتۈرۈپ مەيداندىكى 300دىن ئارتۇق ئاممىغا تەشۋىقات-تەربىيە ئېلىپ باردى. شۇ كۈنى قانۇن ياردىمى تەشۋىقات كالېندارى ۋە «دېلو مىساللىرىدىن 380 سۇئال-جاۋاپ» قاتارلىق 1000 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ماتېرىيالىنى تارقىتىپ، نەق مەيداندا ئاممىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر