باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

باش شۇجىنىڭ نەسىھەتى: يولغا نېمە ئۈچۈن چىققانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ

2016.07.08 13:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندىن بېرى، «دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇپ قالماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش» جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر يۈكسەك دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. نەزەرىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرىنچى ئىيۇلدىكى سۆزى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ «دەسلەپكى مەقسىتى» نېمە، يۆنىلىشى قايسى، جۇڭگو قانداق شەكىلدە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ قاتارلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەرگە نۇقتىلىق جاۋاب بېرىپ، يېڭى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيەلىك پۈتۈن كادىرلارغا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى جۈنرۇ، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى پارتىيە تارىخى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شيې چۇنتاۋ مۇھىم سۆز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن زىيارەتنى قۇبۇل قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى يېشىپ چۈشەندۈردى.

  «دەسلەپكى مەقسەت» نېمە؟

  مۇھىم سۆزدە «دەسلەپكى مەقسەت» 10 قېتىم تىلغا ئېلىندى. ئۇنداقتا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ «دەسلەپكى مەقسىتى» زادى نېمە؟

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە پۈتۈن پارتىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «پارتىيەمىز 95 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، بىراق بىز پارتىيە قۇرۇلغان چاغدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈرەش روھىنى مەڭگۈ ساقلىشىىز، خەلققە بولغان قىزىل قەلبىمىزنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز لازىم. ھەممىمىز ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىمىز، مېڭىپ ئۆتكەن يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم؛ قانچە يىراققا كەتسەكمۇ، قانچە پارلاق كەلگۈسىگە يېتىپ بارساقمۇ، مېڭىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، يولغا نېمە ئۈچۈن چىققانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم»، دېدى.

  شيې چۇنتاۋ مۇنداق دېدى: بۇ بىر بۆلۈك سۆز ناھايىتى ئېنىق ئېيتىلدى، «دەسلەپكى مەقسەت» دەل جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىلا تىكلىگەن كۈرەش روھى ۋە خەلققە بولغان قىزىل قەلبى. «ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق دەل پارتىيەمىزنىڭ غايىسى، ئېتىقادى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماسلىقتۇر».

  لى جۈنرۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ 95 يىللىق ئۈچ چوڭ تارىخىي تۆھپىسى، ئۈچ چوڭ ئۇلۇغ ھالقىشىغا بولغان خۇلاسىسى ۋە تارىخىي تەجرىبىلەردىن ھاسىل قىلغان ئۈچ چوڭ بىشارىتىدە «يۈكسەك ئىخچام، كۈچلۈك بولغان ئىلھاملاندۇرۇش ئەھمىيىتى بار»، دېدى. ئۇ: «ئىسلاھات، تەرەققىيات قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش تەجرىبىلىرىنى قىممەتلىك بايلىق قىلىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك. كومپارتىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا قىيىنچىلىق، خىرىسنىڭ بولۇشى قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇق بولغىنى ئىشەنچىمىزنىڭ بولماسلىقى. ئىشەنچ نەدىن كېلىدۇ؟ ئىشەنچ دەل بىزنىڭ 95 يىللىق تارىخىمىز ئاساسىدا قۇرۇلىدۇ»، دېدى.

  شيې چۇنتاۋ مۇنداق دېدى: 95 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئۈچ چوڭ تارىخىي تۆھپە يارىتالىشىنىڭ سەۋەبى دەل باشتىن ئاخىر ماركىسىزمنىڭ ئومۇمىي ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرغانلىقى ھەم ئەمەلىيەت داۋامىدا ماركىسىزمنى ئۈزلۈكسىز بېيىتقانلىقى ۋە تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىدا. باش شۇجى شى جىنپىڭ «دەسلەپكى مەقسەت»نى ئۇنتۇماسلىقنى تەكىتلىشى دەل كەينىدە ئېيتىلغان «داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش» ئۈچۈن.

  لى جۈنرۇ: «< دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇپ قالماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش > ناھايىتى ئىخچام، مەزمۇنى ناھايىتى مول بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئەندىشە ئېڭىنى، خەلققە مەسئۇل بولۇشتەك مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئەكس ئەتتۈردى»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر