باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى باغداتتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

2016.07.07 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 5-ئىيۇل تاراتقۇدا بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندا ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى، بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزمغا زەربە بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورىزم خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە قىلىنغان ئەڭ ئېغىر تەھدىتلەرنىڭ بىرى، بۇنداق تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغۇچى، تەشكىللىگۈچى، مەبلەغ ياردىمى بەرگۈچى ۋە قوللىغۇچىلارنى قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك دەپ تەكىتلەيدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق دۆلەتلەرنى خەلقئارا قانۇن ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىدىكى مەجبۇرىيىتىگە ئەمەل قىلىش، بۇ تەرەپلەردە ئالاقىدار دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن پائال ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلدى. باغداتتا 3-ئىيۇل سەھەردە ئىككى قېتىم ماشىنا بومبا ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 166 ئادەم قازا قىلدى، 230 ئادەم يارىلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر