- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كېلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى» كېلەر يىلى كۈچكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن
2016.07.07 14:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى فىگۇرېس 5-ئىيۇل مۇنداق دېدى: بارغانسىرى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇ يىل «پارىژ كېلىشىمى»نى تەستىقلىماقچى بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەن بۇ يەرشارى كىلىمات كېلىشىمىنىڭ 2017-يىلى كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدىم. فىگۇرېس شۇ كۈنى بېرلىندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن «پىتىسبورگ كېلىمات سۆھبىتى» بىرەسمىي مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا يۇقارقىلارنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ 2017-يىلى كۈچكە ئىگە بولۇشى تەسەۋۋۇرىمىزدىن ئۈچ يىل بۇرۇن بولىدۇ، بۇ پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدىكى ھەمكارلىق روھىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر